9-ئاۋغۇست بۆرتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق تورى قاتارلىقلاردا جىڭدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى بېرىلدى. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بۆرتالا ئوبلاستى قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمەت تورلىرىدا خىتايچە خەۋەرلەر كۆچۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەندىن باشقا، جىڭ ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەرلەر بېرىلمەسلىكى دىققەت قوزغىغان ئىدى. جىڭ ناھىيىسى ۋە بۆرتالا شەھىرىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، پۇقرالاردىن ئېرىشكىنىمىز «سۈكۈت قىلىش» ، ساقچىلاردىن ئېرىشكەن جاۋابىمىز «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىنمۇ مۇھىم خىزمەت -جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش» دېگەن سۆزلەر بولدى.
بۈگۈن يەنى 11-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى جيۇ سەيگۇدا 8-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشكە 3 كۈن، 9-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۆرتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشكە 2 كۈن بولدى.
خىتاي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى زىيان ۋە قۇتقۇزۇش ھەققىدە خەۋەرلەر بىرقەدەر كۆپ بېرىلدى. ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەرلەر 10-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ساناقلىق تاراتقۇلاردا بېرىلگەن «9-ئاۋغۇستتىكى يەر تەۋرەشتە 32 ئادەم يارىلاندى، 10 مىڭ 500 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي زىيان 150 مىليون يۈەن بولدى» دېگەن خەۋەردىن باشقا، ئاپەت كەلتۈرگەن زىيان ھەققىدە باشقا يېڭى خەۋەر بېرىلمىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق «شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلاردا بولسا ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەندى.
ھالبۇكى، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى بۆرتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيىسىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىۋاسىتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى بولغان جىڭ ناھىيىسىدىكى جىڭ بازىرى، تولى يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە قىلغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.
بۆرتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، پارتكوم ۋە جىڭ ناھىيىسىدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى قاتارلىق جايلارغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزنى ئالغان ھۆكۈمەت خادىملىرى بولسا، يەر تەۋرەشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش چەكلەنگەنلىكى توغرىلىق يۇقىرىنىڭ مەخسۇس بۇيرۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن ھەرقانداق زىيارەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جىڭ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايال خادىمى:«يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭ ياخشىسى يەر تەۋرەشنى قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىدىن سوراڭ، چۈنكى، بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشىمىز چەكلەنگەن» دېدى.
جىڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئەر خىزمەتچى خادىمى: «يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىزگە ھەرقانداق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بار. شۇڭا سىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە بۇ جاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمىز. ئەگەر مۇخبىر بولسىڭىز ، مۇشۇ جايغا كېلىپ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ» دېدى.
جىڭ ناھىيىسى ۋە ئوبلاست مەركىزى بۆرتالا شەھىرىدىكى ساقچىخانىلارغا قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچىلارنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن يۇقىرىنىڭ ئۇلارغا تاپشۇرغان ۋەزىپىسى ھەققىدە بەرگەن جاۋابى، بىردەك «جىڭ ۋە بۆرتالادا يەر تەۋرەش ئاپىتىدىنمۇ مۇھىم خىزمەت-جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش» دېگەن سۆزلەر بولدى.
جىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى ساقچى مۇنداق دېدى: «شۇنداق، جىڭ ناھىيىسىدە يەر تەۋرىدى، ئەمما بىزگە بېرىلگەن ئاساسىي ۋەزىپە يەنىلا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. جىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەش رايونىدىكىلەرگە ياردەم توغرىلىق بىز ساقچىلارغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلىنمىدى. بىز بارلىق كۈچىمىز بىلەن جىڭ ناھىيىسى ۋە بۆرتالا ئوبلاستىنىڭ مۇقىم-تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.»
بۆرتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى نۆۋەتچى ساقچىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن ساقچىلارغا چۈشۈرۈلگەن ۋەزىپىنىڭ «مۇقىملىق ساقلاش» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بايانى تېخىمۇ كەسكىن بولدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن رايوندا مۇقىملىق تەكىتلىنىدىغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىنمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەگەر ئاپەت يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈنلەردە مۇقىملىق خىزمىتى چىڭ تۇتۇلمىسا، ئۇ چاغدا بۆرتالا ئوبلاستىغا ئوخشاش تىنچ-مۇقىم جاي دەپ تەرىپلىنىۋاتقان شىمالىي شىنجاڭنىڭ تىنچ ۋەزىيىتى بۇزۇلۇپ، بۇ جايلارمۇ جەنۇبتىكى خوتەنگە ئوخشاش تىنچسىز-خەتەرلىك جايغا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟! شۇڭا بۆرتالا ئوبلاست بويىچە ھەممە يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى مۇقىملىق خىزمىتى. ئوبلاستىمىزدىكى ھەممە ناھىيىلەردە مۇقىملىق خىزمىتى تەكىتلىنىۋاتىدۇ.»
بۇ ساقچى خادىمى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەربىيلەر، ساقچىلار ھەتتا پۈتكۈل ھۆكۈمەت خادىملىرى سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ھازىر مۇقىملىق خىزمىتى پەقەت ساقچىلارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس. بەلكى يېزا كادىرلىرى، يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن خىزمەت ئەترەت كادىرلىرى ۋە بۇ يىل يېڭى يىلدىن بۇيان مەخسۇس تەسىس قىلىنغان خەلق ئەسكەرلىرى ھەممەيلەننىڭ 1-ۋەزىپىسى مۇقىملىقنى ساقلاش دەپ بەلگىلەندى. شۇڭا، شىنجاڭنى ئەلۋەتتە ئەڭ بىخەتەر جاي دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردىكى شۇنچە كۆپ قوراللىق قىسىملار ۋە ساقچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز، ھەرقانداق شارائىتتا بۇ جاينىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ سەۋەبتىن ھازىر شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تىنچ-مۇقىم رايونغا ئايلاندى. بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا ساياھەت ۋە باشقا ئىش ئۈچۈن كەلمەكچى بولغان ھەرقانداق كىشى كىملىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ خاتىرجەم كەلسە بولىدۇ» دېدى.