5 ئايلىق ھامىلىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئانىنىڭ پۇشايمان ۋە شىكايەتلىرى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئاينىڭ 15 ‏-كۈنى ئاقسۇ كەلپىننىڭ يورچى يېزىسىدا يەنە بىر ھامىلە قەتلە قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 40 ياشلىق ئانا خەيرىنىسا مامۇتنىڭ 5 ئايلىق ھامىلىسى مەجبۇرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

ئىدارە باشلىقى ۋە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ تىنىمسىز بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىشقا ماقۇل بولغان ئانا، ئۆلتۈرۈلگەن ھامىلىنىڭ پۈتۈن بىر ئادەم سىياقىدىكى چىراي ۋە بەدىنىنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرىكى تېخىمۇ ئېچىشقان. ھامىلىسى چۈشۈرۈۋېتىلگىنىگە بۈگۈن دەل 30 كۈن بولغاندا خەيرىنىسا مامۇت، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چۈشۈرۈۋېتىلگەن بوۋىقىنىڭ چىرايىنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتقانلىقىنى، كۈن ئۆتكەنسېرى ئۆزىنى جىنايەتچىدەك ھېس قىلىپ يۈرىكىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئەسلىدە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ئايلىق ھامىلىنى چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇشى بارلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، كەلپىن ناھىيىسىدىكى رەھبەرلىرىگە بولغان نارازىلىق تۇيغۇسى غەزەپ-نەپرەتكە ئايلانغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.