20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدىكى سىرلىق شەخس: بۇرھان شەھىدىنىڭ نىقاب ئىچىدىكى يەنە بىر يۈزى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.11.14
burhan-shahidi-mao-zedong-maw.png بۇرھان شەھىدى ماۋ زېدوڭنىڭ جۇڭنەنخەيدىكى ئۆيىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. 1950-يىلى 6-ئاي، بېيجىڭ.
(مەنبە: «بۇرھان شەھىدىنىڭ ھاياتىدىن رەسىملىك توپلام»)


شىنخۇا تورىنىڭ 3 - نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا «پۈتۈن ۋۇجۇدىنى جۇڭگوغا بېغىشلىغان قىزىل قەلب: بۇرھان شەھىدىنىڭ ھاياتىدىن رەسىملىك خاتىرىلەر» ناملىق چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ كۆرگەزمىنى بۇرھان شەھىدى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان.

بۇرھان شەھىدىنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان بۇ رەسىملىك كۆرگەزمە بەش قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە «جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلىكى» گە بەخشەندە قىلىنغان «قىزىل قەلبى» 150 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم بىلەن كۆرسىتىلگەن.

نۇر بەكرى مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇرھان شەھىدىنى «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زات، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى» دەپ ماختىغان.

ئۇنداقتا، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى دەۋرىدە ئىزچىل ھالدا يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان ھەمدە ئەتىۋارلانغان بۇرھان شەھىدى زادى قانداق شەخس؟ ئۇنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگوغا بېغىشلىغان قىزىل قەلبى» نىڭ ئارقىسىغا قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟

بۇرھان شەھىدى 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى سىرلىق شەخس. ئۇنىڭ 20 - ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خىتاي مىلىتارىستلىرى ۋە ھاكىمىيەتلىرى بىلەنمۇ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنمۇ سىرلىق ئىچكى مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى مەلۇم.

بۇرھان شەھىدى 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغاندا يازغان «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» ناملىق بىئوگرافىك ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە زور تارىخىي ۋەقەلەرگە شاھىت بولۇپ ئۆتكۈزگەن يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدىن ھېساب بېرىشكە تىرىشىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇ مەزكۇر ئەسلىمىسىدە خېلى بىر قىسىم تارىخىي كەچۈرمىشلەرنىڭ ئىچ يۈزىنى بېزەپ كۆرسىتىدۇ ياكى يوشۇرىدۇ. ئۇنىڭ 1929 - يىلىدىن 1933 - يىلىغىچە مىلىتارىست جىن شۇرېننىڭ مەخپىي تاپشۇرۇقى بىلەن گېرمانىيەگە قىلغان سەپىرى دەل ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئاشكارا بولمىغان سىرلارنىڭ بىرىدۇر.

گېرمانىيە ئارخىپلىرىنىڭ 1930 - يىللاردىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئالاقە ھۆججەتلىرى شۇنداقلا بۈيۈك برىتانىيەنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇرھان شەھىدى جىن شۇرېننىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىنتايىن مەخپىي ۋەزىپىلەر بىلەن گېرمانىيەگە بارغانلىقى مەلۇم.

رەسىم-1: بۇرھان شەھىدى 1935-يىلى شېڭشىسەي تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغاندا  چۈشكەن سۈرىتى (مەنبە: بۇرھان شەھىدى«شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»)
رەسىم-1: بۇرھان شەھىدى 1935-يىلى شېڭشىسەي تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغاندا چۈشكەن سۈرىتى (مەنبە: بۇرھان شەھىدى«شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»)

ئۇ گېرمانىيەگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ۋە جىن شۇرېن مەخپىي ھالدا تيەنجىندىكى چەتئەل بانكىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن زور مىقداردىكى پۇللارنى بېرلىندىكى بانكىلارغا ئامانەت قويۇشقا ئالدىرايدۇ. بېرلىندا ئۆز نامىدا بانكا رەسمىيىتى ئېچىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن فۇئاد قازاق ئىسىملىك بىر تاتار كىشى بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن جىن شۇرېن بەرگەن پۇللارنى شۋېتسارىيە بانكىسىغا ئامانەت قويىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ گېرمانىيەدىن مىلىتارىست جىنشۇرېن ئۈچۈن قورال - ياراغ سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە مەخپىي ۋەزىپىسى رەسمىي باشلىنىدۇ.

يېقىندىن بۇيان ئاشكارا بولۇۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جىن شۇرېن تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆز يۇرتى گەنسۇ ئۆلكىسىنى قورال كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە قوشۇۋېلىپ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلەش غەرىزىدە بولغانلىقى مەلۇم. شۇڭا ئۇ تېز سۈرئەتتە ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ شەرققە يۈرۈش قىلىش پىلانى تۈزىدۇ. بۇرھان شەھىدىنىڭ 1929 - يىلى مەخپىي ھالدا گېرمانىيەگە ئەۋەتىلىشىمۇ مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە مەيدانغا چىقىدۇ.

جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇرھان شەھىدى گېرمانىيەنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىدە تىنىمسىز قاتراپ يۈرۈپ ھەربىي قورال - ياراغ زاۋۇتلىرى بىلەن توختام تۈزۈشكە تىرىشىدۇ. ۋەھالەنكى، گېرمانىيەدىن مەخپىي تۈردە سېتىۋېلىنغان زور مىقداردىكى قورال - ياراغلارنى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئۈرۈمچىگە توشۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەيلى بۇرھان شەھىدى بولسۇن ياكى جىنشۇرېن بولسۇن رۇسلارنىڭ بۇ سەزگۈر سودىغا بولغان گۇمانىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ مەخپىي سودىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەيدۇ. يۇقىرىقى بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇرھان شەھىدىنىڭ گېرمانىيەدىن قورال - ياراغ سېتىۋېلىش ئىشى ئىنتايىن مەخپىي ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1931 - يىلى ئەتىيازدا قۇمۇلدا قوزغالغان مىللىي ئىنقىلاب جىنشۇرېننىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىپ گەنسۇ ئۆلكىسىنى ئىگىلەش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلىپ ئۆز خانىدانلىقىنى تىكلەش خام خىيالىنى بەربات قىلىدۇ. ئىنقىلابنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ ئالدى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىغا، ئاندىن پۈتكۈل جەنۇبقا تۇتۇشۇشى جىن شۇرېننى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ. ئىنقىلاب يالقۇنىنى تېزلىك بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كويىغا چۈشكەن جىن شۇرېن ئۆزىنىڭ بېرلىندىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بۇرھان شەھىدىگە ئارقا - ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئىلغار قورال - ياراغلارنى سېتىۋېلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ۋەھالەنكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى قوللىشى ھەمدە موڭغۇلىيە ئارقىلىق بەزى ياردەملەرنى بېرىشى جىنشۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسى ئارقىلىق گېرمانىيەدىن ھەربىي قورال - ياراغ يۆتكەش پىلانىغا ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ.

1934 - يىلى ئەنگىلىيەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىشلار باشقارمىسىدىن لوندونغا ئەۋەتىلگەن مەخسۇس ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1932 - يىلى 5 - ئايدا بۇرھان شەھىدى ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋاكالەتچىسى فۇئاد قازاق ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي قورال - ياراغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆلەملىك مەخپىي سودا كېلىشىمى ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكى مەلۇم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا جىن شۇرېنمۇ ئىچكى تەرەپتىن ماسلىشىپ ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئەنگىلىيەدىن ئىلغار تىپتىكى قورال - ياراغ سېتىۋېلىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى يازدا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ 60 ئات ۋە قېچىرغا يۈكلەنگەن قوي، بۆكەن، تۈلكە تېرىسى ۋە باشقا قىممەتلىك بۇيۇملار قەشقەر ئارقىلىق ھىندىستانغا يولغا سېلىنىدۇ. بېرلىندا تۇرۇۋاتقان بۇرھان شەھىدىمۇ فۇئاد قازاق ئىسىملىك ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق شۋېتسارىيە بانكىسىغا ئامانەت قويۇلغان بىر قىسىم پۇللارنى ئەنگلىيە ھېسابىغا ئۆتكۈزىدۇ. خۇددى بۇرھان شەھىدى ئۆز ئەسلىمىسىدە تەكىتلىگىنىدەك، بۇ سودىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەنگلىيە تەرەپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن 2 مىڭ دانە مىلتىق ۋە 40 مىڭ پاي ئوقنى قاراقۇرۇم يولى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىدۇ. بۇ قورال - ياراغلار تاكى 1933 - يىلى يازغىچە توشۇلۇپ، بىر قىسمىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكى مەلۇم.

ھەربىي قورال - ياراغ سودىسىدىن باشقا، بۇرھان شەھىدىنىڭ بېرلىندىكى يەنە بىر مەخپىي ۋەزىپىسى جىن شۇرېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرىنى گېرمانىيەدىكى ھەربىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ ئوقۇتۇش بولغانلىق مەلۇم. بۇنى ئۇ ئۆز ئەسلىمىسىدىمۇ تەستىقلايدۇ.

1933 - يىلى كىرىشى بىلەن مىلىتارىست جىن شۇرېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقى جان تالىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئارمىيەسى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ما جۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە، گېرمانىيەدە 3 يىلغا يېقىن تۇرۇپ قالغان بۇرھان شەھىدى ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مەخپىي ۋەزىپىلىرىدىن جىن شۇرېنغا دوكلات بېرىش ۋە يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن 1933 - يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ.

ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بۇرھان شەھىدى جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئىككىنچى قېتىم گېرمانىيەگە سەپەر قىلىدۇ. موسكۋاغا يېتىپ بارغاندا ئۈرۈمچىدە «12 - ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، جىن شۇرېننىڭ تەختتىن غۇلىغانلىقىنى، شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلىقىنى ئاڭلايدۇ - دە، گېرمانىيەگە بېرىشتىن يالتىيىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا شېڭ شىسەي ئۇنى موسكۋادىن چاقىرتىۋېلىپ چۆچەك ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تىنچلاندۇرۇش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئالدىدا ئۇ ئاخىرقى قېتىم موسكۋادىن بېرلىنغا بېرىپ گېرمانىيەدىكى ھېساب - كىتابلىرىنى ئۈزۈشكە ئالدىرايدۇ.

جىن شۇرېننىڭ تەختتىن غۇلىشى بىلەن بۇرھان شەھىدىنىڭ گېرمانىيەدە 3 يىلغا سوزۇلغان مەخپىي خىزمىتىمى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىئوگرافىك ئەسلىمىسىدە قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلاشتىن بۇرۇن مەخسۇت مۇھىتى، تاھىربەگ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ جىن شۇرېنغا قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغانلىقىنى ھەتتا تۇرپان قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئۇنى تۇرپاندا قۇرۇلغۇسى مىللىي ھاكىمىيەتكە رەھبەر قىلىشنى ئويلاشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھالبۇكى، مەرھۇم ئەدىب خېۋىر تۆمۈر ھايات ۋاقتىدا بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بىر قىسىم توقۇلمىلار بىلەن گۇمانلىق نۇقتىلارنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلايدۇ. خېۋىر تۆمۈر ئېنىق قىلىپ، بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تارىخىي رېئاللىق بىلەن پۈتۈنلەي زىتلىقىنى، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە قۇمۇل - تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا ئەمەس، بەلكى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە بۇرھان شەھىدىنىڭ گېرمانىيەدىن سېتىۋالغان قوراللىرى بىلەن قوراللانغان جىن شۇرۇن ئارمىيەسىنىڭ قۇمۇل - تۇرپاندا ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

ئۇنداقتا، سىرلىق شەخس بۇرھان شەھىدى 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدا جىن شۇرېننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن قانچىلىك مىقداردىكى ئالتۇن - كۆمۈش ۋە پۇللارنى گېرمانىيەگە ئېلىپ بارغان؟ قورال - ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگەن؟ مىلىتارىست جىن شۇرېن تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان - تەرىنى شىلىۋېلىش بىلەن توپلانغان بۇ مال دۇنيا كىملەرنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قورال سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنغان؟ بۇرھان شەھىدى تەرىپىدىن شۋېتسارىيە بانكىسىغا ئامانەت قويۇلغان پۇللارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغان؟

بۇ بىر قاتار چىگىش تۈگۈنلەرنىڭ يېشىمى ئۆز دەۋردىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارا بولۇشىغا باغلىق بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.