ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى«ساقچى دۆلىتى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-26
Share
guwahliq-yighini-meydan ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا گۇۋاھچىلار سۆز قىلماقتا، 2018-يىلى 26-ئىيۇل
RFA

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنى بۇ مەسىلىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىشقا ئۈندىمەكتە. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە بۇ خىل زۇلمەتنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ، ئاللىقاچان دۇنيا تەرتىپىگە يېڭىدىن تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن باش تېما قىلىنغان مەخسۇس تېمىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ كاندىداتلىرىدىن بىرى ماركو رۇبيۇ سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خەلقنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە ۋە سىستېمىلىق بولغان ھۇجۇمىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ تەرىقىسىدە سۇنۇلغان «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا، جۈملىدىن 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن چېن چۇەنگوغا تەدبىقلاشنىڭ جىددىي مۇزاكىرە باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ شۇنىڭدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مۇستەھكەم تۈرمە شەكلىدىكى «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە قامالغانلىقىنى ۋە ئېغىر قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شارائىتى تولىمۇ ناچار بولغان بۇ جايلاردا ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھايات قالغانلارنىڭمۇ ئەڭ ئەقەللىي ھاياتلىق شارائىتىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما سۈنئى ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر بۇ لاگېرلارنى شۇنچە ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە لاگېرلارغا سولانماي قالغانلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي كادىرلارنىڭ «تۇغقان بولۇش» نامىدا بېرىپ يېتىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىساد، دىن ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان قاتمۇ-قات زۇلۇملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا بۇ ئەھۋالنى شىمالىي كورىيەدىكىگە تولىمۇ ئوخشايدىغان «ساقچى دۆلىتى» ياكى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئېرقىي ئايرىمچىلىق مەركەز قىلىنغان «ئاپارتېيد» تۈزۈمىگە ئوخشىتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنلەردىن ئانتونىي كرىستىنو سۆز ئالدى. ئانتونىي ھازىر ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «چەتئەل سىياسىتى بۆلۈمى» نىڭ دىرىكتورى بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ بايقۇت قىلىش تىزىملىكىدە بولغان ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىدىغان، بولۇپمۇ تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار سودىسىغا چېتىشلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىن قانداق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى ھەرقاچان يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە چەكلىمىلەر قويۇلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەر بويىچە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كېللېي كۇررىي خانىم سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرگە باغلاپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ تامام قولدىن كەتكەنلىكىنى، ھازىر ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ھەرقاچان «تېرورلۇق» بىلەن باغلىنىپ تەسۋىرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ يېقىندا مەلۇم بولغاندەك ھەتتا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنىمۇ ئالالماسلىقتەك پاجىئەنىڭ (د ئۇ ق نىڭ رەئىسى) دولقۇن ئەيسانىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىدەك كۆپلىگەن جانلىق ۋە ئەمىلىي مىساللار بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈردى.

بۇ ئىككىيلەن ئۆز بايانلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇ گۇۋاھچىلاردىن سوئاللارنى سورىدى. بۇ قاتاردا  ماركو رۇبىيو ۋە باشقىلار بىر قىسىم يۇقۇرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئادەتتە مۇشۇ مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى ئېنىق بولغان ئەللەرگە ساتماسلىق بەلگىلەنگەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىدىكىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلىشىغا نېمە ئۈچۈن يول قويۇلغانلىقىنى، بولۇپمۇ دۈشمەن بولۇشى ئايدىڭلىشىۋاتقان خىتايدەك دۆلەتلەرگە نېمە ئۈچۈن كۆپلەپ سېتىلغانلىقىنى سورىدى.

ئانتونىي بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئەسلىدە ئىجابىي بولغان ساھەلەر ئۈچۈن سېتىلغانلىقىنى، ئەمما كۈتۈلمىگەندە بۇلارنىڭ باشقىچە يوللارغا سەرپ بولۇشى ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇ قاتاردىكى سوئال-جاۋاب قاتارىدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققتىنى تارتقىنى «ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياش كېڭەش پالاتا ئەزاسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان توماس كاتتوننىڭ سوئاللىرى بولدى. ئۇ دەسلەپ باش ئەلچى كۇررىيدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلەرنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن قايسى دەرىجىدە باغلىنىشى بارلىقىنى سورىدى.

كۇررىي خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مۇشۇ قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى ئېغىر زۇلۇمغا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر بولمىغان، قازاقمۇ بولمىغان، ئەمما توختىماستىن بۇ جايلارغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما كوتتون گەپنى قاپ بەلدىن ئۈزۈپلا «بىرنى بىر دەيلى! سىزنىڭچە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ھالنى مۇستەملىكىلەشتۈرۈش، دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. كۇررىي خانىم بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىگەندەك سەل ئىككىلىنىپ قالغاندا كاتتون ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 1949-يىلىدىكى يەتتە پىرسەنتتىن 40 پىرسەنتكە ئۆسكەنلىكىنى ئەسلىتىۋىدى، كۇررىي خانىم «شۇنداق، مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇ ھالنى مۇستەملىكەلەشتۈرۈش، دەپ قارايدۇ» دېدى. ئارقىدىن كۇررىي خانىم ئەسلىدىكى تېمىغا قايتىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي باستۇرۇشلارنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما پالاتا ئەزاسى كاتتون يەنە بىر قېتىم كەسكىنلىك بىلەن «بىرنى بىر دەيلى! ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇ جايدىكى خىتايلار مۇشۇ قۇرۇلۇشتا ئىزچىل يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاشۇ گۇرۇھقا يار-يۆلەك بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلار ياكى شۇ جايدىكى قازاقلارغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا ئۇنداق قىلمىغانلىقى مۇھىم سەۋەبمۇ؟» دەپ سورىدى. كۇررىي خانىم «شۇنداق!» دەپ جاۋاب بەردى.

بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. شۇلار قاتارىدا د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدىن بۇ يىغىندا نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئۆزى قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوندا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ  رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر داۋاسىدا بىر قېتىملىق يۈكسىلىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ زور خىزمەتلەرنى ئىشلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بىر قىسىم ئەلچىخانا خادىملىرى قاتناشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت