چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى (2)

0:00 / 0:00

«قوشماق تۇغقانچىلىق» ۋە مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىشنى تەرغىب قىلىش

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئىككى مىللەتتىن نىكاھلانغان ئائىلىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 68 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلغان ھۆكۈمەت تەدبىرى ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا چەرچەن ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ چەرچەندىكى ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما «ئۇيغۇرلار خەنزۇلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتى ئىچىدىن نىكاھلانسا مۇكاپات بېرىلەمدۇ-يوق،» دېگەن سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىدى.

2016-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا ئۇ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويدى. شۇنىڭدىن بۇيان رايوندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان، ياكى مىللەتلەر ئارا تويلاشقان تەشۋىقات خەۋەرلىرى بىلەن تولدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيەدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا خىتاي ئاھالىلىرى يېتىشمىگەچكە ئامالسىز ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم رايوندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر كادىر: «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇشى ئۇيغۇر-خەنزۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى چوڭ پەرقنى كىچىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان،» دېدى.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەلۇم ئىدارىسىدە تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ بىر «خىتاي تۇغقىنى» بارلىقىنى، ھەپتىدە بىر قېتىمدىن كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «خىتاي تۇغقىنى» بىلەن بىر قازاندا تاماق ئېتىپ يېسىمۇ ھېچقانداق شەكلەنمەيدىغانلىقىنى، سۇنىڭ ھەرقانداق نەرسىنى يۇيۇپ پاكىز قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر پېشقەدەم ئادۋوكات، ھەتتا بەزى خىتاي كادىرلارنىڭ مەسچىت ئىماملىرىنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كىرىپ ئۇلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر يەرلىك ئۇيغۇر دېھقان ئۆزىنىڭ خىتايلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنى رەت قىلغىنىدا «ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى» دىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق دوكتور ئەنۋەر توختى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۆز ئايرىمىلىقىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقى خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش يولىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بىر ئامىل. بۈگۈن خىتاي قورال كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بۇ توسالغۇنى پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئامالسىز. چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيا بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇڭا خىتاي ‹تۇغقانلاشتۇرۇش› ياكى ‹تويلاشتۇرۇش› تەك يۇمشاق ۋاسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش چوتىنى سوقماقتا.»

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھىندونېزىيەدىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەردە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن گەنسۇ، نىڭشيا ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك سىياسەتتىكى زور پەرقنى ھېس قىلىمىز. شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا باغلاپ قاتتىق تەقىب قىلىنىدىغان بىر قىسىم دىنىي پائالىيەتلەر تۇڭگان رايونلىرىدا قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. تۇڭگانلار ئەركىن-ئازادە ھالدا دىنىي كىيىملەرنى كىيىپ، ساقاللىرىنى قويۇپ، نامىزىنى ئوقۇپ، ئەرەبچە ئۆگىنىپ دىنىي ھاياتتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ ياشىماقتا. بۇنداق پەرقلىق سىياسەت بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ‹تېررورلۇق› قا قارشى تەدبىر قوللىنىشنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە قىلىنغان بىر خىرىس دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا مەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق چارە-تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى تېخىمۇ زور ئۆچمەنلىككە ۋە رادىكاللىققا سۆرەپ بارىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى «چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە پەيدا قىلغان مىللىي مەسىلىسىدىكى ئېغىر كرىزىسى بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشماقتا. ئوخشاش بىر ھېكايە ئۇيغۇرلاردىن تەكرارلانماقتا. بۇنداق چېكىدىن ئاشقان قاتتىق قول سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر دىياردا ئۈنۈم بېرىشى ۋە ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن ئەمەس»، دەيدۇ.