پاسپورت يىغىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش
خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» دېگەن نام بىلەن ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بېكىنمە سىياسىتىگە خاتىمە بەرگىلى ئاز كەم 40 يىل بولدى.
خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى 1980-يىللاردا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق سىياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان چېگرا رايونلارغا بىر مەھەل تاشقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما 1990-يىللاردىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ چېگرا رايون سىياسىتىدە كەسكىن بۇرۇلۇش بولدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1996-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چۈشۈرگەن «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دىن باشلاپ تاكى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى يىلدىن-يىلغا چىڭىپ باردى.
ۋاڭ لېچۈەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سېكرېتار بولغان جاڭ چۈنشيەن بىر مەھەل پاسپورت تۈزۈمىنى قويۇپ بېرىپ، ھەتتا يېزا-كەنتلەرگە قەدەر يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشىنى ئاسانلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پاسپورتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنىڭ بەدىلىنى ھەسسىلەپ تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.
تىبەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىشتا داڭ چىقارغان چېن چۈەنگو ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ئىشنى ئالدى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قولىدىكى پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشتىن باشلىدى.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ۋە نەق مەيداندىن ئېلىنغان مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن تاكى ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزا-قىشلاقلارغا قەدەر يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قولىدىكى پاسپورتلار بىردەك ساقچى ئىدارىسىگە يىغىۋېلىنغان.
تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىدىكى بىر مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ قوللىرىدىكى پاسپورتلار بىردەك يىغىۋېلىنغان. مەزكۇر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىۋېلىنغان پاسپورتلار ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدە ساقلانماقتىكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «چېن چۈەنگو پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چەتئەل ساياھەتكە چىققان ياكى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى دەككە-دۈككىدە ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا،» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «ئۆز دەۋرىدە جاڭ چۈنشيەننىڭ پاسپورتنى كەڭ قويۇپ بەرگەنلىكىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە چېن چۈەنگونىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى قايتىدىن يىغىۋېلىشىمۇ ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوينالغان ئوخشاش مەقسەتتىكى سىياسىي ئويۇن،» دېدى.
ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور ئەنۋەر توختىنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئۆزىنىڭ تارىختىن بۇيان باشقا مىللەتلەرنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىپ كەلگەن ‹مېنىڭ ئۇرۇقۇمدىن ياكى مېنىڭ نەسلىمدىن بولمىغانلارنىڭ قەلبىمۇ باشقا بولىدۇ› دېگەن سىياسىي نەزەرىيىسىنى نۆۋەتتە تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلىدا قوللىنىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ تارىختىن بۈگۈنگىچە بولغان سىياسىي ئۇدۇمىدا ئەزەلدىن يات مىللەتلەرگە ئىشەنگەن ئەمەس.»
دوكتور ئەنۋەر توختى يەنە «مەيلى پاسپورت يىغىۋېلىش بولسۇن ياكى باشقا چېكىدىن ئاشقان سىياسىي تەدبىرلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى ئالدى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئارقىدىن ئۇلارنى باستۇرۇشقا ۋە يوق قىلىشقا زېمىن ھازىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ‹ئوبرازىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇش تاكتىكىسى› نى ئەينى ۋاقىتتا رۇسلار چېچەنلەرگە قوللانغان،» دەيدۇ.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا پاسپورتلارنى يىغىۋېلىشى، تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشتىن»، دەيدۇ.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھىندونېزىيەدىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «مەن 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغا قەدەر 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىر قاتار تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىدا بولدۇم. بۇ جەرياندا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا بولدۇم. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى بىۋاسىتە تەسىراتىم شۇ بولدىكى، ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە بارغانسېرى يامانلىشىپ باردى. يەرلىك خەلق ئۈستىدىكى چەكلىمە ۋە تەقىبلەر بارغانسېرى كۈچەيدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى تىنچلاندۇرۇش ۋە مۇقىم ئىدارە قىلىشتىكى ئۇرۇنۇشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭخۇا كىملىكىنىڭ ئىچىگە يۇغۇرۇپ تاشلاشقا مەركەزلەشتى.»
پاترىك مېيېر يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ رايوندا پاسپورتلارنى يىغىۋېلىشى ياكى باشقا بىر قاتار بىمەنە سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ئەمەلىيەتتە رادىكاللىقنى تۈگىتىش ياكى ئازايتىشتا ھېچقانچە ئۈنۈم كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ رادىكاللاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.»