كىشىلەرنى پايلاقچىلىق ۋە چېقىمغا رىغبەتلەندۈرۈپ، شەخسىي ھاياتنى كونترول قىلىش
ھەر ئون تۈتۈننى بىر گۇرۇپپا قىلىپ باشقۇرۇش، ئۇلارنى بىر-بىرىگە نازارەت قىلىدىغان ۋە بىر بىرىنى كونترول قىلىدىغان زەنجىرگە باغلاش شۇنداقلا چاتما جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئەڭ قاتتىق دەرىجىدىكى ئىدارە ئاستىغا ئېلىش - خىتاي تارىخىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرىدىن بىرىدۇر.
ۋاڭ لېچۈەن بىلەن جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلغان دەۋرلەردە بۇ خىل سىياسىي تەدبىرلەر جەنۇبتىكى بىرقانچە ۋىلايەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەمما چېن چۈەنگو تەختكە چىققان يېقىنقى بىر يىلغا يېقىن جەرياندا ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلىندى.
بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزا-بازارلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە دائىر ھادىسىلەر ھەمدە گۇمانلىق ۋەقە ياكى شەخسلەر ھەققىدە ئالدىن يىپ ئۇچى تەقدىم قىلغانلارغا تاكى 500 مىڭ يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.
كېرىيە ناھىيەسىگە قاراشلىق كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىمى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن ساقچىخانىغا كېلىپ گۇمانلىق ۋەقە ياكى شەخسلەر ھەققىدە ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەھەللىلەردە قولۇم-قوشنىلىرىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ، تىڭ-تىڭچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى ساقچىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ھەر 10 ئائىلىنىڭ بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، ئۆز-ئارا بىر بىرىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى، قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقىۋاتقان كىشىلەر توغرىلىق مەلۇمات يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۇما ناھىيەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ھاياتىدىكى تەقىپلەرنى ئاشكارىلاپ، ئەگەردە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدە 15 مىنۇتتىن كۆپرەك ئولتۇرۇپ قالسا چوقۇم ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنى پاراكەندە قىلىدىغان بۇنداق چېكىدىن ئاشقان سىياسىي تەقىب تارىختا ناتسىستلار گېرمانىيەسى، ستالىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا بىر قىسىم مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەردە قوللىنىلغان ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان تەقىپلىرىنى باشقا ھەرقانداق مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «بۈگۈنكى دەۋردە بىر ئىنسان ئۆز ئۆيىدىمۇ خاتىرجەم ياشىيالمىسا، كېچىسى ئۇخلىيالمىسا، 24 سائەتلىك خۇسۇسىي ھاياتى باشقىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلسە، بۇنداق بىر جەمئىيەتنىڭ دۇنيادا سېلىشتۇرما قىلىدىغان تەڭدىشى بولمايدۇ. شەخسەن مەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئاچچىق رېئاللىقنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ تەسەۋۋۇرۇمغا سىغدۇرالمايۋاتىمەن،» دېدى.
پراگادىكى چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرېي كلېمىس بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چېخ خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا گېرمان، رۇس قاتارلىق چوڭ مىللەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاپ باققان تارىخىي تەجرىبىسىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇ نۇقتىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي قىسمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئوندرېي كلېمىس يەنە چېخ خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما كونكرېت پەرقلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى چېخسلوۋاكىيەنىڭ قىسمىتىنى رۇس كوممۇنىزىمىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىساق، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتىنى خىتاينىڭ ئەڭ ئەشەددىي شەكىلدىكى مىللىي زۇلۇمى ۋە مىللىي يوقىتىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئە دېيىشكە بولىدۇ،» دېدى.
0:00 / 0:00