بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىدا «قوشماق تۇغقان» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ تەشەببۇستىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلەر بىلەن قوشماق تۇغقان بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن 1-دېكابىر كۈنى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەتىۋارلىق مومىسىغا ئايلاندى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، چېن چۈەنگۇنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسىنى تەنقىد ۋە مەسخىرە قىلغان. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەيلى قان، مەيلى دىن، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن قىلچە ئورتاقلىقى بولمىغان ئىككى مىللەت ئەزالىرى ئارىسىدا تۇغقاندارچىلىقنى تەشەببۇس قىلىش پۈتۈنلەي مەنتىقسىز؛ شۇنداقلا ئىنسانىي تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ.
يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» تەشەببۇسىغا ئائىت خەۋەرلەر كۆپەيدى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن كىچىك ناھىيە، بازار، يېزىلاردىكى كادىرلارغىچە كېڭەيتىلگەن، ھەممە ئادەم «قوشماق تۇغقان» بولۇش ھەرىكىتى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىناق كەيپىيات»نىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە مەدھىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ خىل سۈنئىي بەرپا قىلىنغان «مىللىي ئىناقلىق» نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىمەكتە.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى 1-دېكابىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تور بېكىتىدە خىتاي تىلىدا ئېلان قىلغان «بىرقىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەتىۋارلىق مومىسىغا ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك فىليەتونىدا، تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا «قوشماق تۇغقان» بولۇشتەك سۈنئىي ئىناقلىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەگەر ھەقىقىي باراۋەرلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈلمىسە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنىڭ يەنىلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى يۇمۇرىستىك، كىنايىلىك ۋە ۋە مەسخىرىلىك تىللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر فىليەتوننى يېزىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە خىتاي ئەمەلدارى چېن چۈەنگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» بولۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» تەشەببۇسى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۈنئىي ئىناقلىق ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە توختالدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمەيدىغان مەنتىقسىز، ئىنسان تەبىئىتى ۋە جەمئىيەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خىتاي دائىرىلىرى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭىدىغان بۇ خىل تەششەببۇس ۋە ھەرىكەتلەرنى ھەر خىل ناملاردا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدە باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلىنىدىغان، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئاياق ئاستى قىلىنىدىغان باراۋەرسىز مىللىي سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، مەزكۇر سىياسەتتە تىلغا ئېلىنغان كادىرلار بىلەن ئامما «قوشماق تۇغقان» بولۇشتا خىتاي ۋە ئۇيغۇرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى تەلەپ قىلىنىشى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدە ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلەيدىغان ئىككى مىللەت كىشىلىرىنى سۈنئىي ھالدا دوستلۇق ئورنىتىشقا، ھەتتا بىر داستىخاندا غىزالىنىشقا مەجبۇرلاش بولۇپ، مىللەتلەر ئارا قارمۇ-قارشىلىقلار يامرىغان بىر جەمئىيەتتە سۈنئىي يوسۇندىكى «قوشماق تۇغقان» چىلىق تەشۋىقاتلىرى ھېچقانچە ئۈنۈم يارىتالمايلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە رايوندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان نارازىلىق ۋە نەپرەتنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى چېن چۈەنگو بۇ يىل 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان رايوندا كۈنسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەكىتلىنىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاق» بولغان ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتا ھەقىقىي سەمىمىيىتى بولسا، ئۇ ھالدا ئالدى بىلەن نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە ھەقىقىي مىللىي باراۋەرلىك، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان مىللىي سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باراۋەرسىز، مىللىي باستۇرۇش ۋە ھەتتا مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ھاقارەت قىلىنىدىغان بىر قاتار تەڭسىز سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. مېنىڭچە، ئەگەر دائىرىلەر بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىسە، بەلكىم نۆۋەتتە رايوندا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەتلەردە يۇمشاش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. ئەمما دائىرىلەر ھازىر داغدۇغا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» بولۇش ھەرىكىتى، مېنىڭچە، مەيلى قان، مەيلى دىن، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، قىلچە ئورتاقلىقى بولمىغان ئىككى مىللەت ئارىسىدا تۇغقاندارچىلىقنى تەشەببۇس قىلىش پۈتۈنلەي مەنتىقسىز؛ شۇنداقلا ئىنسانىي تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ قىلمىش!»