دېھقان: چىداملىق ئۆيلەرگە تېخى كىرمەي تۇرۇپ، ئەمىن ئۆيگە تۇتۇلدۇق
2013.02.19

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلارغا قۇلايسىزلىق ھەم ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر دېھقان، چارۋىچىلار 2010-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پىلانى بويىچە «ئەمىن ئۆي» سېلىشقا كىرىشكەن. گەرچە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسىم چىقىمىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچىمىدىكى ئەمىن ئۆي سېلىش چىقىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلارغا قۇلايسىزلىق ھەم ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تەبىئىي ئاپەت دەپ قارالغان، 2003-يىلىدىكى چوڭقۇرچاق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن 2004-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات ئاپەت رايونلىرىدا ياشاۋاتقان دېھقان، چارۋىچىلار يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن ئىدى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بەش يىل ئىچىدە يەنى 2008-يىلنىڭ ئاخىرغىچە ھەممە دېھقان، چارۋىچىلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، تېخى ئۆتكەن يىلى پەيزاۋات ۋە بۈگۈر ھەمدە گۇما ناھىيىلىرىدە يۈز بەرگەن قار ۋە يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ ئېغىر ئاپەت كۆرۈلدى شۇنداقلا بۇلاردىن يەنىلا نۇرغۇن جايلاردا دېھقانلارنىڭ لاي كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىقى، ئاتالمىش يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە تەلتۆكۈس ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
يېقىندا يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان قەشقەرنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ چەت بىر يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دېھقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا مەبلەغ يەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن يەتتە-سەككىز يىلدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆينى ئاران سېلىۋالغان، ھازىر ئەمدى باشقىدىن يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىن ئۆي سېلىش سېلىقى چۈشكەن، بۇ خىل ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا گەرچە مەركەزدىن، ئاپتونوم رايوندىن ھەمدە بىۋاسىتە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بولۇپ 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ياردەم مەبلىغى بېرىلسىمۇ، ئەمما ئەمىن ئۆينىڭ كۆلىمى، سۈپىتىگە قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەممۇ يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈش نۇرغۇن دېھقانغا نىسبەتەن ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم بولماقتا ئىكەن.
بىز پەيزاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر خىتاي كادىرىدىن ناھىيىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش ئەھۋالىنى سورىدۇق، ئۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېقىندا باشلانغانلىقىنى، 80% قۇرۇلۇشنىڭ تېخى تاماملانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە ئاپەت رايونىدا يەنىلا كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە لاي كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق، ئۇ ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن «بۇنى قانداق دېسەك بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي لاي كېسەك ئۆيلەر ئەمەس، پىششىق ۋە لاي كېسەك بىرلەشتۈرۈپ سېلىنغان ئۆيلەر بار، چۈنكى لاي كېسەك ئۆيلەر يازدا سالقىن بولغاچقا، يەرلىك خەلقلەر، بولۇپمۇ ياشانغان كىشىلەر يەنىلا لاي كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۇنداقلار يەنىلا ئاز ساندا» دەپ جاۋاب بەردى.
ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۆزىنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىنژېنېرى دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇر، بۇ خىل قۇرۇلۇش ھەققىدە بىر قەدەر تولۇق مەلۇمات بەردى.
پەيزاۋاتلىق دېھقان بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى بۇ خىل ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىمۇ، خۇددى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدەكلا نۇرغۇن پارىخورلۇق، قانۇنسىزلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.