شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا سەزگۈر ئورۇنلاردىكى قارشى ئېقىمدىكىلەرنى تازىلاپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00


مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ھەققىدىكى خەۋەر - مۇنازىرىلەر يەنە كۆپىيىشكە باشلىغان. مۇنازىرىلەردە جۇ يۇڭكاڭ ۋە سابىق خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ باش كاتىپى لىن جىخۇا قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، شى جىنپىڭنىڭ «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئۆزىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى ئاساسەن تازىلاپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 24 - ماي سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «خىتاي دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خىتاي دۆلەت كابىنېتى قانۇن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شا يۇڭنىڭ، لىڭ جىخۇانىڭ ‹ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسى› ھەققىدىكى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىۋاتقان» لىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر خەۋەر خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىدە 26 - ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزىدا، شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا خىتاي سىياسىي قانۇن ساھەسىنى ئاساسىي تازىلاش نىشانى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «ھازىرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شا يۇڭنىڭ خىزمىتىدىن رەسمىي قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق دەلىللىمىدى، ئەمما ئىلگىرى دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان شا يۇڭ نەچچە يىل ئىلگىرى خىتاي دۆلەت كابىنېتى قانۇن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىلىپ يۆتكەلدى. بۇ قېتىم شا يۇڭنىڭ لىن جىخۇا دېلوسىغا چېتىلىپ تەكشۈرۈلۈشى ئۇنىڭ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان 3 يىلدىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، دۆلەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشخانىسى ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەزگۈر ئورۇنلاردا چوڭ تازىلاش ئېلىپ باردى» دېيىلدى.

مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا 2013 - يىلى خىتاي سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 7 نەپەر مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلداردىن ھازىر پەقەت خۇاڭ مىڭ، مېڭ خۇڭۋېي، چېن جىمىڭ قاتارلىق 3 نەپىرىنىڭلا قالغانلىقى، ئىلگىرى ج خ مىنىستىرلىقىدا مۇئاۋىن مىنىستىر بولغان لى دۇڭشېڭنىڭ جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا چېتىلىپ 15 يىل سوتلانغانلىقى، قانۇن ساھەسىدىكى يەنە بىر مۇئاۋىن مىنىستىر ياڭ خۇەننىڭنىڭ خىزمىتىنىڭ يۆتكىۋېتىلگەنلىكى، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئىلگىرىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ شىنفېڭنىڭ ئاۋۋال تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئىشخانىسىغا يۆتكىۋېتىلىپ، يېقىندا پېنسىيىگە چىقىرىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇ سەزگۈر ئورۇنلاردىكى «قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى ئاساسەن تازىلاپ بولغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر ئانالىزىدا، نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت كابىنېتى قانۇن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شا يۇڭنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، خىتايدا جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ خىتاي قانۇن ساھەسىنى تۇتۇپ تۇرغان مەزگىللەردىكى ئەمەل تۇتقۇنلارنىڭ ئاساسەن تازىلىنىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، بۇ ئەمەلدارلار ئارىسىدا يەنە خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىنلىرىدىن لىڭ جىخۇا ۋە شا يۇڭ قاتارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ مەيلى جاڭ زېمىن گۇرۇھىدىكىلەر بولسۇن ياكى خۇ جىنتاۋ، ۋېنجياباۋ تەرەپدارلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى تازىلاش نىشانى قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا ھازىر خۇ جىنتاۋ، ۋېنجياباۋلار ۋەكىللىك قىلىدىغان كومسوموللار تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى قارشى پىكىردىكىلەرنىمۇ تازىلاشقا باشلىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا شى جىنپىڭ نۆۋەتتە جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەمەلدارلارنى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا ئاساسەن تازىلاپ بولدى، ئەمدى ئۇ كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى ئۆزىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى تازىلاپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يەتمەكچى.»

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تورلىرىدىن جۇڭگوغا نەزەر تورىدا 27 - ماي بېرىلگەن خەۋەر ئانالىزدىمۇ شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە جاڭ زېمىن گۇرۇھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قارشى پىكىر ئېقىمىدىكى ئەمەلدارلاردىن سىياسىي قانۇن ساھەسىگە ئوخشاش سەزگۈر ئورۇنلاردىكىلەرنى ئاساسەن تازىلاپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «جاڭ زېمىننىڭ يېقىنى جۇ يۇڭكاڭ 2000 - يىلدىن باشلاپ سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىللەردە بۇ ساھەسىدىكى ئورگانلار بارغانچە كېڭىيىپ مەزكۇر ساھەدىكى مالىيە خامچوتى خىتاينىڭ ھەربىي چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. شى جىنپىڭ ‹پارىخورلۇققا زەربە بېرىش› نامىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە بۇ ساھەدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاساسىي تازىلاش نىشانى قىلىنىپ، 3 يىلدىن بۇيان بۇ ساھەدىكى چوڭ - كىچىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ زور بىر قىسمى تازىلىنىپ بولدى.»

ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا شى جىنپىڭ باشلىغان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى مەدھىيەلىنىپ، مەزكرۇ ھەرىكەت جەريانىدا «خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى پارىخور چىرىك ئەمەلدارلار تازىلىنىپ، كومپارتىيەنىڭ خىتاي خەلقى قەلبىدىكى ئوبرازى ۋە ئورنىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ مۇستەھكەملەنگەن» لىكى تەكىتلەنمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خىتاي ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى نەتىجىسىنى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى مۆلچەرلەش يەنىلا قېيىن ئىكەن.