قورغاستا پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار بىرلىشىپ يەر يۇتماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق كەڭ ئېچىش سىياسىتى يەنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرى ئاتالمىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك خەلقىنىڭ بايلىقى، مەنپەئىتى، ھەق-ھوقۇقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەنىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلاملاردىكى خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن يەرلىك ئاممىنى يەرلىرىنى ئەرزان سېتىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشتەك قىلمىشلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر جايلىرىدا ئورتاق ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. يېقىندا ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيىسىدىكى ئامما بۇ خىل قىسمەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايدىكى بەزى مىكرو بلوگ ۋە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر يوللاپ ئەرزىنى ئەركىن چەتئەل ئاخباراتلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۆتۈنگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ رادىئومىزغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيىسىدىكى يېزىلاردا، دائىرىلەر دېھقانلارنى يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان، يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلار دېھقاننىڭ قولىدىن بىر مو يەرنى 50 مىڭ سوم باھالاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇستىدىن پايدا ئېلىپ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىش ئارقىلىق زور پايدا كۆرۈۋاتقان ئىكەن.

سېتىشقا ماقۇل بولمىغانلارنى بولسا يەرلىك ساقچىلار 15 كۈنلەپ قاماپ قويغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى كۈچلىرى بىرلىشىپ ئاممىنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىشىنى قاتتىق توسۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نارازى بولۇۋاتقان دېھقانلارغا مەخسۇس قارانچۇق قويغان. بۇ ئارىدا مەخپىي ئۇيۇشقان ئون نەچچە دېھقان ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان بولسىمۇ، قورغاستىكى ساقچىلار خەۋەر تاپقان ھامان ئەرزدارلارنى كېچىلەپ قوغلاپ بىر قانچىسىنى تۇتقان ۋە يېرىنى سېتىپ بېرىشكە، ئەرز قىلماسلىققا مەجبۇرىي قول قويدۇرغان.

ئەرزدار دېھقانلارنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا يەنىلا بىرەر پېشكەللىككە يولۇقۇشتىن قورقۇپ قېچىپ يۈرگەن بولۇپ، قورغاستىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان خەلقنىڭ ھالىنى تورلاردا ئېلان قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق چەتئەل ئاخباراتلىرىغا يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلغان ئىكەن.

بىز بۇ ئەھۋاللاردىن قورغاس ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن قورغاس ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

قورغاس ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىز ئوخشاشلا رەت قىلىشقا ئۇچرىدى.

قورغاس ناھىيىسى سۈيدۈڭ بازا ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ دېھقانلارنىڭ يېرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاشقا دائىر ئەھۋاللارنى سورىدۇق، تېلېفوننى ئالغان ساقچى بۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغاچقا قالايمىقان جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىز يەنە ئۇنىڭدىن ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش ئەركىنلىكى بار-يوقلۇقىنى، ئەرزدارلارغا قارىتا ئالاھىدە باشقۇرۇش نىزامى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق، ئۇ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار، بۇ خىل ئەركىنلىكىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، دېدى.

گەرچە قورغاس دېھقانلىرىنىڭ يەر سېتىشقا مەجبۇرلىنىشىغا دائىر تارقالغان ئۇچۇرنىڭ يەر-نام، ۋاقىت ۋە ئورۇن قاتارلىق دېتاللىرى تولۇق بولمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان مەبلەغ سېلىش ۋە يەر ئېچىش قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇرلىرىدىن قورغاس ناھىيىسىدە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن خىتاي شىركەت كارخانىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم» ۋاسىتىسى بىلەن كىرىپ يەرلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 3-ئاپرېل باسقان «قورغاستا ئۈچ مىڭ دېھقان يەرلىرىدىن چىقىپ كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە لەڭگەر يېزىسىدىلا 600 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 5 مىڭ مو يېرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا قورغاستا 13 يېزا، كەنتنىڭ ئۈچ مىڭ دېھقان ئائىلىسى جەمئىي 18مىڭ مو يەرنى شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نىشانلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا 15 يىللىق ئىجارىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى، يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەرنى قىلىش ئۈچۈن يۇرتتىن ئايرىلىپ سىرتلارغا چىقىپ كۆزىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2012-يىلى 11-سېنتەبىر «مەبلەغ چاقىرىشتا قورغاس ناھىيىسى كىم بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى؟» دېگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، قورغاس ناھىيىسى خىتاي ئۆلكىلەردىن مەبلەغ چاقىرىشتا بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، چىڭسىخوزا ئىقتىساد ئالاھىدە ئېچىۋېتىش رايونىنىڭ غەلىبىلىك پۈتۈپ يولغا قويۇلۇشىغا ئاساس ياراتتى دېيىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «قورغاس ناھىيىسى ئىچكىرىدىن مەبلەغ چاقىرىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى يەر كەڭ، ئەمما تېخنىكا ۋە مەبلەغ يېتىشمەسلىكنى ھەل قىلىۋاتقان بولسا، خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەردىكى كان كارخانىلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەرەققىيات مەيدانى يەنى يەر-زېمىن بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدىن ئىككى تەرەپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان پۇرسەت يارىتىلدى» دەپ كۆرسەتكەن.

قورغاس ناھىيىسى سىرتتىن مەبلەغ سالغان خىتاي كارخانىلىرىغا 2010-يىلى-1 ئايدىن ئېتىبارەن بىر يىلغىچە تىجارەت بېجى ئالماسلىق، ئىككى يىلغىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى ئالماسلىق، ئۈچىنچى يىلدىن بەشىنچى يىلغىچە تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمىنى بىكار قىلىشتەك ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتى چىقارغان ۋە يەنە يەرلىك خام ئەشيالارنى ئېچىشنى ئاساس قىلغان بارلىق چوڭ-كىچىك كارخانىلاردىن باجدا 15% ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللانماقتا ئىكەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 2012-يىلى قورغاس ناھىيىسى ئاساسلىق كان ئېچىش، دېھقانچىلىق، سانائەت، تاشقى سودا قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 145 تۈردە خىتاي كارخانىلىرى بىلەن توختام تۈزگەن.

قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنە خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 4-دېۋىزىيىسى ئىگىلىگەن. بىز قورغاس ناھىيىسىگە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ كىرىشى بىلەن قورغاستا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ناھىيىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلەشتۇق، 4-دېۋىزىيىنىڭ 64-پولكىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كۆچمەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بۇ خىتاي ھازىرچە خىتايدىن كېلىۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تېخى بىڭتۇەن تەۋەسىگە كىرەلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىك يېزا-كەنتلەردە يەر ئىگىلەشنىڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ سىرتلارغا كوللېكتىپ ئىشلەشكە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلارمۇ ھەددىدىن ئېشىۋاتقان بولۇپ، خەلقنىڭ قولىدىن يەرنى ئەرزان ئېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارغا قىممەت سېتىپ ئوتتۇرىدىن پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ئىشلارنىڭ ئەۋج ئالغان، ئۇ، خەلق نارازى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان يەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇ بىڭتۇەنلىك خىتاي يەنە، يېقىندىن بۇيان كېلىۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلار دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى كۆتۈرە ئالغان ياكى سېتىۋالغاندىن كېيىن سەي‏-كۆكتات ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ سودىسىغىمۇ رىقابەت يارىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىڭتۇەندىكىلەرگىمۇ ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىندى.

قورغاس ناھىيىسى، ئىلى ئوبلاستىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان، يەر كۆلىمى 5460 كۋادرات كىلومېتىر،بىڭتۇەننى قوشقاندا 360 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە. سۇ ۋە تۇپراققا باي، قازاقىستان بىلەن ئەڭ يېقىن چېگرا رايونىغا جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي ۋە گيوستراتېگىيە جەھەتلەردە زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بىر چوڭ ناھىيە. جەمئىي 13 يېزا، كەنت بار، بىڭتۇەننى قوشقاندا ناھىيىدىكى بىنەم يەر كۆلىمى 964 مىڭ مو يەر بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمى بىڭتۇەنگە تەۋە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بىنەم يەر ئەمەلىيەتتە ئۆچ موغا يەتمەيدۇ.