بايكۆل دېھقانلىرى يەرلىرىنى ئېتىز بېشىدا يېتىپ قوغدىماقتا

0:00 / 0:00

غۇلجا شەھىرىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىش نامى ئاسىتىدا داۋام قىلىۋاتقان شەھەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى زېمىن تالىشىش كۈرىشى داۋاملاشماقتا.

بۇ كۈرەشتە خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆكۈمەت، سوت ۋە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھىمايسى ۋە ئىجراسىغا تايىنىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلسا، يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئەرز-شىكايەتلەر، جەڭگى-جىدەللەر ئارقىلىق زېمىنىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشماقتا.

بايكۆل كەنتىدىكى تۇرغۇن تۇرسۇن ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ 8 مو كۆلىمىدىكى بۇغدايلىقى ئۆتكەن ئايدا، خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. مەزكۇر ئائىلە بۇغدايلىقىنى ئاغدۇرۇۋەتكۈچىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلار چىقمىغان. شۇڭا مەزكۇر ئائىلە ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئېتىز بېشىدا يېتىپ-قوپۇپ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن يېرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ كېتىشىنى توسىماقتا.

بايكۆلدىكى بىر ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، يالغۇز دېھقان تۇرغۇن تۇرسۇننىڭ بېشىغىلا كەلگەن كۈن ئەمەس. ئاز دېگەندە 50 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ 300 مودىن ئارتۇق يېرى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ يېڭى قۇرۇلۇش پىلانى سەۋەبلىك دۆلەتكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىشكە بۇيرۇلغان. كەنتتىكى مىرزەخمەت ئائىلىسى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا 15 مو كۆلەمدىكى مالىنا ئېتىزىنى 3 كۈن ئىچىدە بىكارلاپ بېرىشكە بۇيرۇلغان. مىرزەخمەت ئائىلىسى بۇ 15 مو يەرگە 4 يىلنىڭ ئالدىدا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ مالىنا كۆچىتى تىككەن، كۆچەتلەر ئالدىنقى يىلى تۇنجى قېتىم مىۋە بېرىپ مو بېشىدىن 10 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلىشقا باشلىغان. ئەمدىلىكتە دائىرىلەر بۇ يەرلەرنى 39 مىڭ يۈەندىن سېتىۋېتىشقا بۇيرىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇلاردىن يەرنى سېتىۋالغاندا دائىرىلەرنىڭ خىتايپەرەسلىكى ۋە پارىخورلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەركىن بازاردىن تۆۋەن باھادا سېتىۋالماقتا. دائىرىلەر قارشى تۇرغۇچىلارنى بەزىدە ئالداش، بەزىدە تەھدىت ۋاستىلىرى بىلەن يەرنى سېتىش توختامىغا مەجبۇرىي قول قويدۇرماقتا.

بايكۆلدىكى يەنە بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايكۆلدىكى ئاھالىلەر 10 يىلدىن بۇيان مانا مۇشۇنداق ئاخىرى ئۈزۈلمەس قۇرۇلۇش پىلانلىرى سەۋەبلىك ئۆي-ماكانلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلماقتا. دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن يەرنى ئېلىۋالىدىغان چاغدا بۇ جايلارغا زاۋۇت، فابرىكا قۇرۇلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەپ دېھقانچىلىقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ يەنە بەزىدە سودا سارىيى سېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بىردىن دۇكان بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار يۇقىرىقىلاردىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەكسىچە، ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ خىتاي كۆچمەنلىرى كۆتۈرە ئالغان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا كۈنلۈك ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە ۋە ياكى شەھەر، بازارلاردا مەدىكارچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، شەھەرنىڭ ئۆتكەن يىللىق نوپۇسى 540 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇس يەنى ئاققۇنلار نوپۇسى 110 مىڭ بولۇپ، نۆۋەتتە دائىرىلەر غۇلجا شەھىرىنى 1 مىليون نوپۇسلۇق شەھەرگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا. مۇشۇ پىلان بويىچە غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپۇسى پات يېقىندا بىر قاتلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپۇسىدىكى بۇ يۈكسىلىش، شەھەردە يەر قىسچىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ۋە يەر باھاسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ. مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، بايكۆل دېھقانلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۈستىدىكى ئەندىشىلىرى ۋە زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ نە قەدەر ئورۇنلۇقلۇقى ئايدىڭلاشماقتا.