لوپ ناھىيە 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلگەن ۋەدە ئەمەلىيلىشەمدۇ؟

0:00 / 0:00

13-ماي كۈنى خوتەننىڭ لوپ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەرس تاشلاپ، مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلماسلىق ئەھۋالىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىدىن ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكا ئېسىش توغرىسىدا ۋەدە ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن دەرسنى داۋام قىلىشقا قوشۇلغان. مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئورگانلاردىكى خادىملار ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

لوپ ناھىيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ناھىيىنىڭ سانائەت رايونىغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار يېڭى مەكتەپ رايونىغا كۆچۈپ ئوقۇش باشلىغان ئىكەن. ئەمما مەكتەپ قۇرۇلۇشى تېخى پۈتۈپ بولالمىغانلىقتىن تېخى ۋىۋىسكىلىرىمۇ تولۇق ئېسىلىپ بولالمىغان 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 13-ماي كۈنى ئادەتتىكىدەك مەكتەپكە كەلگەندە بولسا، يېڭى ئوقۇتۇش رايونىنىڭ ئالدىدىكى دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىپ يېزىلغان خىتايچە خەتنى شۇنداقلا ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبىخانا بىناسى،كۇتۇپخانىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىلارنىڭمۇ پەقەت خىتايچە خەت بىلەنلا يېزىلغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرچىسىنى يېزىشقا ئورۇنمۇ قويۇپ قويۇلمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن قاتتىق ھەيران قېلىشقان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دەرس تاشلىغان.

ۋەقە ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بىر مۇنازىرە تور بېتىدە بېرىلگەن تەپسىلىي ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، مەكتەپتىكى قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئالاھازەل 600-700 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەھۋالغا بىردەك نارازىلىق بىلدۈرۈپ دەرس تاشلىغان بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىكى دەسلەپتە بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، مەكتەپ ئالدىغا يېزىلغان خەتنىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرچىسىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، بۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. لېكىن ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىكەنلىكىنى، ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى يېزىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى،مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى قاتارلىقلار بەرگەن ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، 3سائەتتەك دەرس تاشلاپ تىركەشكەن.

ئاخىرى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، ۋىۋىسكىلارنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىنلا، 3 سائەت داۋاملاشقان نارازىلىق ھەرىكىتى تىنچ شەكىلدە ئاخىرلاشقان. ئوقۇغۇچىلار 4-سائەتلىك دەرسكە نورمال قاتناشقان. مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى تور بەتلەردە شۇنداقلا ئۇيغۇر بىز تورىدا رەسىملىرى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى، بىز لوپ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزغا چىققان كادىر ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىزنىڭ سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قويدى.

ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدە ۋەقەگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا تورداشلار بىردەك لوپ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىغا، ئانا تىلنى قوغدىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي تىل يېزىقنى ئىشلىتىشنىڭ قانۇندا ئوچۇق بېكىتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بېكىتكەن قانۇنغا ئۆزى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىلىۋاتقان بۇنداق قانۇنسىزلىقلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ئەمما ئۇ لوپ 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە تۇتقان سەزگۈر ۋە كەسكىن پوزىتسىيىسىنىڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا لوپ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكا ئېسىپ بېرىشنى ۋەدە قىلغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى، بۇ بالىلارنىڭ كېيىن ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدىغان-ئۇچرىمايدىغانلىقىغا بەكرەك قىزىقماقتا. چۈنكى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا ھەرقانداق كىشىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈش، ئەرز قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقى ئوچۇق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، دائىرىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا ياكى چەتئەللەردىكى كۈچلەرگە باغلاپ بىر تەرەپ قىلىش ئەنئەنىسى بولغانلىقتىن دائىرىلەرنىڭ ۋەقەگە قانچىلىك دەرىجىدە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قارىتا گۇمان قوزغىماقتا. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى تور بەتتىكى ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە «لوپتا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان سىياسەتلەر بەك كۆپ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلار سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن يۈزلىگەن ئادەم تېخى چىقىپ بولالمىدى. شىنجاڭدىكى 84 ناھىيە ئىچىدە لوپ ناھىيىسىنىڭ تۈرمىلىرىدە جىنايەتچى ئەڭ كۆپ. ھەي شۇ ئاتالمىش قانۇننىڭ ئىززىتىنى قوغدىغان بالىلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بۇلار» دەپ ئىنكاس يازغان بولسا، يەنە بىرەيلەن «بارلىق جەرياننى ئىز قوغلاپ تۇرۇپ كۆزىتىش كېرەك، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەنلەر مۇنداقلا بولدى قىلماي، بۇنى چەتئەلدىكى مەۋھۇم دۈشمەنگە باغلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلىغان پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچىلەرنى ئېنىقلايمىز، دەپ ئوقۇغۇچىلارغا بېسىمغا ئىشلىتىشى، ئاتا-ئانىسىنى قىستىشى تۇرغان گەپ» دەپ يازغان.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇشۇنداق ئېھتىمالنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆملۈك، بىرلىك ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋەقەلەرگە مانا مۇشۇنداق سەزگۈر مۇئامىلە قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.