«دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىمۇ؟

0:00 / 0:00


«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بىر قەدەر ئاستىلىغان «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» نىڭ 2015 - يىلىدىن باشلاپ يەنە كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باي قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر دېھقانلارنى كۆچمەن ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا 150 مىليوندىن ئارتۇق يۇرت كېزىپ ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئاقما دېھقان ئىشلەمچى بار بولۇپ، خىتايدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر سانىلىۋاتقان 80 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر يۈزلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر خىتايدىكى زور كرىزىس خاراكتېرلىك مەسىلىنىڭ بىرى ئىكەن.

خىتاي ئىقتىسادشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەھەرلەرگە يەرلىشەلمەيدىغان ياكى ئۆز يۇرتىغىمۇ قايتىپ كېتەلمەيدىغان بۇ ئالاھىدە ئەمگەك كۈچلىرى توپى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق مەسىلىلىرى ھەل قىلىنمىغانلىق سەۋەبلىك پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇچرايدىغان كۆپ قىرلىق مەسىلىلەر بارغانچە زورايماقتا ئىكەن. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باش ئاغرىقىغا قارىتا مەخسۇس سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى ئىيۇندا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.

«پىكىر» دە كۆرسىتىشىچە ، دېھقان ئىشلەمچى، ئىستودېنت ۋە ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ياردېم بېرىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

«خەلق» تورىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلقى «باھار شامىلى ھەرىكىتى» نىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، بولۇپمۇ 80 - ، 90 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان ياشلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

خەۋەرگە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈنخۇانىڭ مۇنۇ بايانلىرى قىستۇرۇلغان: «بۇ يىلقى ‹باھار شامىلى ھەرىكىتى› دە بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 190مىڭ كىشى بار».

2015 - يىلى - 27 - ئۆكتەبىر «شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان «كۇچا ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ‹ئالتۇن› قازدى» ناملىق خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، «بىر كىشىنى سىرتقا چىقىرىپ، بىر ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش» نىشانى بويىچە دائىرىلەر يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە كۇچانىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن 34 مىڭ 421 ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىرىلىپ، بىر تۇتاش يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىدە دۈشەنبە يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە بورتالا شەھىرى جىڭ ناھىيىسىدىكى 70 ئېشىنچا ئەمگەكچى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «خۇيچۈەن» كىيىم - كېچەم كارخانىسىغا تەربىيەلىنىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.

بۇ، ناھىيىدىن ئىككىنچى تۈركۈمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىسىغا ئەمگەكچىلەرنى تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلار يېزا - بازار، مەيدانلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تەربىيىلىنىشنى خالايدىغان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى باش زاۋۇتلارغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ - 8 كۈنى «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇرچە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە(شەھەر) ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى كۈچەيتكەن. نىلقا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر يېزىدا بۇ يىل 1215 ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بورتالا ئوبلاستى بۇ يىل ئوبلاست بويىچە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىدىن 90 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەشنى پىلانلىغان بولۇپ،نەتىجىدە نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 92 مىڭ 73 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، پىلاندىكىدىنمۇ ئاشۇرۇلغان.

باي ناھىيىسىنىڭ 2015 - يىللىق ئەمگەك - مۇلازىمەت ئىستاتسىتىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا، باي ناھىيىسى 2015 - يىلى 40 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

5 - ئاۋغۇست «شىنجاڭ گېزىتى» ئاقتو ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسى ئۈجمە كەنتىدىكى تۇردى غوپۇرنىڭ 2006 - يىلدىن باشلاپ ئۈجمە يېزىسىدىن 465 ئادەم قېتىم ئېشىنچا ئەمگەكچىنى باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپ، كىرىم ياراتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ناھىيىدە تۇردى غوپۇرغا ئوخشاش خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش ۋاستىچىسىگە ئايلانغانلار 100 دىن كۆپرەككە يەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىر ئاقتو ناھىيىسىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەر 3600 كىشىگە يەتكەنلىكىنى يازغان.

ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا بۇ نوپۇسنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنى دېھقانلار ئىگىلەيدۇ.

گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات ھەتتا دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ جاۋابى «ئۇيغۇرلار بىر يىل جاپا چېكىپ قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئىشلوىگەن» لىكىنى كۆرسەتكمەكتە.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ شۇنداق ئىشلەپتۇ باي بولماسلىقىدا قانداق سەۋەبلەر باردۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئانالىزچىلاردىن گېرمانىيىدىكى ژۇرنالىست پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى :«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا ھەر جەھەتلەردىكى ئورنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش، مونوپۇللۇق سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ‹غەربنى ئېچىش›، ‹نىشانلىق ياردەم بېرىش › دېگەندەك ئىستراتېگىيىلىك، مەقسەتلىك، ئادالەتسىز سىياسەتلىرى دولقۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق بايلىقلىرى، ئىش پۇرسەتلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورنى بارغانچە تۆۋەنلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېركىدىكى پۇقرالار كۇچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جىيەنلى ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى نوپوسى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇنتىزىم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن،كۆچمەن خىتاي نوپوسىنى ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنىڭ تومۇرى قىلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بولسا بارغانچە ئۆز ئىقتىسادى، يېرى ھەتتا مەدەنىيىتىدىنمۇ ئايرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «دېھقان ئىشلەمچىلەر» گە ئايلاندۇرۇشى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئۈزۈل - كېسىل چۆرۈپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولالامدۇ؟

ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە :" گەرچە باشقا يۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش ھەممە جايدا بار بىر ھالەت بولسىمۇ ئەمىليەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھاجىتى يوق بىر تەدبىر چۈنكى تۈرلۈك ئېچىش تەرەقىقي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە يېتەرلىك ئىش تېپىش شارائىتى بار، تىلى، ئىجدىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتلرىدىن ئايرىپ ئۇيغۇر ياشلارنى ئىچكىرگە ئاپىرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايلار دېڭىزىغا غەرق قىلماقچى، ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپوسىنى كۆپلەپ يۆتكەش بوشلۇقى ھازىرلىيالايدۇ ۋە ئۆزىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئۇيغۇر ياشلارنى تارقاقلاشتۇرالايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي تەدبىر بولماستىن بەلكى، شەرقىي تۈركستاننى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ".

پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەرلەردە نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئورۇنلارغا خىتاي كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر دەپ ‹ھەر ئائىلىدىن بىرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش›، ‹يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› دېگەندەك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە مەقسىتىدە، ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلماقتا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي مەۋجۇتلۇقىغا بولغان زەربىسى ۋە ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئىكەن.»