دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەيۋەنگە توسالغۇسىز كىردى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەيۋەنگە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ تەيۋەنگە قىلغان بۇ زىيارىتى خەلقئارا مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

چۈنكى، تەيۋەن دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى ئۇنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىمۇ ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ئىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندى تەيۋەندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئىلگىرى تەيۋەنگە كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بۇ نۆۋەت تەيۋەنگە مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا كىرىشى، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ شەخسنىڭ جۇغراپىيىۋىلىك ئورنى جەھەتتىن خىتايغا تولىمۇ يېقىن بولغان تەيۋەنگە كېلىش يېتىپ كېلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئەھۋال بولدى. دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن تەيۋەندىن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر يېڭىلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تەيۋەندىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى كۆپ قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغان. ئەمما تەيۋەن دائىرىلىرى 2009 - يىلىدىن بېرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ ئەھۋال تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە ۋە رابىيە قادىر خانىمنى تەكلىپ قىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئۈزلۈكسز چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تېخى 2012 - يىلى 10 - ئايدىلا تەيۋەندىكى پارلامېنت ئەزالىرى، ئاتاغلىق يازغۇچىلار، پروفېسسورلار، بىر قىسىم سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامىگە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە شۇ كۈنى «تەيۋەن - ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە كېلىش مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتكە چاقىرىق قىلىنغان.

دىلشات رىشىتنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى تېخى بىر قانچە كۈن ئالدىدىلا مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. مانا بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن. دىلشات رىشىت ئەپەندى تەيۋەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۆزىنى خۇرسەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىن شەنبە كۈنىدىن ئىتىبارەن رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، يىغىندا خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئوخشاش تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى. دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەيۋەندىكى زىيارىتى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا تەيۋەندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۆل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.