خىتاي مەتبۇاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى، ئائىلە ئاياللىرى ئارىسىدا «مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى» نامىدا، ھەر خىل كۆڭۈل - ئېچىش،سەنئەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس خور ئۆمەكلىرى تەشكىللەپ قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈش، ھەتتا مەسچىتلەردە قوش تىللىق رەسىملىك تەشۋىقات كىتابچىلىرىنى تارقىتىش پائالىيەتلىرى كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن دەپ تەرىپلەنگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى بولسا دائىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى سىياسىي مەقسەتتىكى «مىڭە يۇيۇش تەشۋىقاتى» دەپ تەنقىدلىمەكتە..
خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى»نىڭ 1 - ، 2 - مارت كۈنلىرىدىكى سانلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىكى ناھىيىلەردە ۋە خىتاينىڭ ئاقسۇ تەۋەسىدە قۇرغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 2 - دېۋىزىيىسى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن«مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى» ھەققىدىكى بىر يۈرۈش خەۋەر، ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ماقالىلەردە، «يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رەڭدار مەزمۇندىكى ئاممىۋى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، " تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكى» تەكىتلەندى. خىتاي دائىلىرى ئوزلىرىنىڭ بۇ پائالىيىەتلىرىگە يۇقىرى باھالار بەرمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان«مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىپ، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى بۇ خىل خەۋەر، ماقالىلەر بىر قىسىم خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەر ئانالىزىدا، دائىرىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزىدىكى، «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىگە قارشى ھەرىكەتلەردە، بارلىق خەلق ئاممىسى سەپەرۋەر قىلىندى، بۇ پائالىيەتلەر ئومۇمىي خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېگەن مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندى دائىرىلەر ئومۇمىي خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ 60 - 70 - يىللاردىكى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دەۋرىدىكى قىزىل تەشۋىقات تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « ۋاقتى ئۆتكەن بۇ خىل قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ياشانغان مويسىپىتلار، ئائىلە ئاياللىرى ئارىسىدا قايتىدىن "قىزىل تەشۋىقات" پائالىيىتىنى كۈچەيتىش ئۇيغۇرلاردا بىزارلىق، نارازىلىق، نەپرەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.
چەتئەللەرىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا، ھەر خىل ناملاردىكى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاتالمىش " دىنىي رادىكاللىققا ۋە تېررورلۇق ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىش، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان تىنچ ۋە مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئېتىقادنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئۆزىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتىنى، مىللى كىملىكىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان، ئانا تىلىنى قوغدايدىغان ۋەزىيەتنىڭ ئومۇملىشىشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دېدى.
سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەردە ئاتالمىش«قوش تىللىق تەشۋىقات» كىتابچىلىرىنى تارقىتىشىنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى «ھەممە ئائىلىلەرگە ماۋ زىدۇڭ ئۈزۈندىلىرىنى تارقىتىش، ھەممە كىشى كۆكرىگىگە ماۋ زىدۇڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى تاقاش» ۋەزىيىتىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما مەيلى قانداق تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلسۇن، بۇ خىل پائالىيەت - ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىني ئېتىقادىنى، ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان ئاتالمىش «5 تە ياخشى ئىماملار»، «ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار» ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىش، بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئازايتىش، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەمىن - مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىدىكى سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىمسىزلىق ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا ۋە مەدەنىيىتىگە قاراتقان باستۇرۇشىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايوندا مۇقىملىق ۋەزىيىتى يارىتىمەن دەۋەتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مىللىي زىددىيەتلەرگە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىماقتا» دېدى.
0:00 / 0:00