خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ ئالامەتلىرىنى بەلگىلەپ چىقىشى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدا دىننىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى ئادا قىلىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ قارا تىزىملىككە ئېلىپ زەربە بېرىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا، دائىرىلەر گۇمانلىق «دىنىي رادىكال» ئۇنسۇرلارنى قانۇن ئورگانلىرىغا پاش قىلىش توغرىلىق پەرمان چىقارغاندا، دىنىي رادىكاللىقنىڭ 75 خىل ئالامىتىنى بەلگىلەپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەش، كىتاب كۆرۈش، ئىنتېرنېتقا ئېرىشىش ۋە ھەتتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقىچە بولغان بارلىق ھەرىكەتلىرى تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ بەلگىلىمە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ساقچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا مەخسۇس قانۇن-نىزامنامە بەلگىلەپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنى يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلىگەن ئىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا بۆرتالا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئۈندىداردىكى ھېسابى ئارقىلىق «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ 75 خىل ئىپادىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەرنى دەرھال قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشنى بۇيرۇغان. ۋاشىنگتون پوچتىسى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن بېشىنى ئوراپ يۈرۈشنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان دىنىي رادىكاللىقنىڭ 75 خىل ئىپادىسىدە دىنىي رادىكال مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش، رادىكال تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش، ئۇلارنى ھەمبەھىرلەشتىن تارتىپ، بېشىنى ئوراش، ھاراق ئىچىشتىن قول ئۈزۈشكىچە بولغان نۇرغۇن ماددىلار يەر ئالغان.

تېخىمۇ قىزىقارلىقى، چىقىرىلغان بۇ ماددىلار ئارىسىدا يەر-جايلىرىنى، قوي-كالىلىرىنى سەۋەبسىز سېتىۋەتكەنلەرمۇ گۇمانلىقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يۇقىرىقىلار بۇ كىشىلەرنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى پىلان قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۆيىدە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى زاپاس يىغىۋېلىشمۇ بۇ ئۆيدە مەخپىي گۇرۇپپا ياكى بىرەر جايغا ئۇلىشىدىغان مەخپىي تونېل بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالغان. ئۇنىڭدا يەنە، قوشنا كەنتتە دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش، ئۆيىدە كارىۋات سانى جىق بولۇش، ئۆيىگە زىيارەتكە كېلىدىغان ئادەمنىڭ سانى كۆپ بولۇشمۇ گۇمانلىق دەپ تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، قول مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرىدىغان ئېغىرلىق، بوكس پەلىيى، خەرىتە، كومپاس، دۇربۇن، ئارغامچا، چېدىر، قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشمۇ «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ ئالامىتى قاتارىدا كۆرسىتىلگەن ۋە مۇشۇنداق گۇمانلىق ئەھۋاللار بايقالغاندا دەرھال ساقچىغا پاش قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ۋاشىنگتون پوچتىسى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ مۇشۇنداق پولاتتەك قاتتىق تۈزۈملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپەيگەنسېرى، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى كونسېرۋاتىپ ئىسلامدىن قول ئۈزۈشكە، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسلامدىن بىراقلا قول ئۈزۈشكە مەجبۇرلىماقتا. ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچى ۋە كادىرلارنىڭ ھەتتا مەسچىتىگە بېرىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ روزى تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرىدۇ. دىنىي رادىكاللارنى تېپىش باھانىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى بىرمۇ-بىر كىرىپ تەكشۈرىدۇ. يېقىندا ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتىشىنى چەكلىشىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مانا مۇشۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر پارچىسى. ئانالىزچىلار ھۆكۈمەتنىڭ چېكىدىن ئاشقان بۇ تەدبىرلىرىنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە ساقچىلارغا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ باھانە يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلى كۆزەتكۈچىسى جەيمىس لېيبوندنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قىسىم سىمۋوللار ئارقىلىق رادىكاللىقنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشنى «تولىمۇ قوپاللىق» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، «بۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئېرقچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى تەبىئىي ھالدا قارشىلىقتۇر» دېگەن.

15-دېكابىر كۈنى ئەل-جەزىرە قانىلىنىڭ خەۋەرلەر تورىمۇ بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى كۈنى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ھېچقانداق مەنبە ياكى پاكىت كۆرسەتمەي تۇرۇپ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ھەقىقەتەن مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىمۇ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرى تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ، دېگەن. ئەل-جەزىرە تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ بىرلىكتە «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغانغا توغرىلاپ تۇرۇپ، 300 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىس تەشكىلاتى قارمىقىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە دىققەت تارتقان ۋە «كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە خەلقئارا قوللاشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە» دەپ بايان قىلغان.

خەۋەردە، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بېرىلگەن. شان روبېرتېس بۇنداق تاكتىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ قوللانغانلىقىنى، ئۇ چاغدىكى بوز ھۆكۈمىتى دەسلەپتە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئالدىراپ جاكارلاپ قويغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەل جەزىرەنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىلگىرى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە داۋاملىق «باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» تىن ئىبارەت پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئىسىس تەشكىلاتىغا قارشى قوراللىق زەربە بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشىنى بىر يېڭىلىق، دەپ قاراشقا بولسىمۇ، بىراق شان روبېرتس سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئىچكى مەسىلىلىرىنى خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە چېتىۋېلىشىنىڭ بەلكىم ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى» نى ئاگاھلاندۇرغان.