خىتاي ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىگە مەجبۇرىي دۆلەت مارشى ئوقۇتقان

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كىملىكى ئېنىق بولمىغان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت مارشىنى ئومۇمىي خور شەكلىدە ئوقۇغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسقا فىلىم تارقالدى.

بۇ ھال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ، تۈرلۈك كۆز قاراشلار قانات يايدى. جۈملىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن كۆڭلىدىن كەچكەنلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەيسا ساۋۇت قاراجىم، ئابدۇراخمان قاراجىم، ئابدۇسالام غېنى ۋە ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ فىلىمدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە چەكتىن ئاشقان دەرىجىدە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

بىز مەزكۇر فىلىمنىڭ قەيەردە، قاچان ۋە قانداق تارتىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان بولساقمۇ، بۇ ھەقتە بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. ھازىرچە «ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىگە دۆلەت مارشىنى ئوقۇتۇش» قىلمىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ يولغا قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەرساھە مۆتىۋەرلىرىنى «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» ئويناشقا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا تانسا، ئىتوت ۋە چوڭ مەيدانلاردا تەيجى گۇمپىسى ئويناشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىمۇ مىللىي كىملىكتىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.