ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dolet-mejlisi-2018-lager-mesilisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇتەخەسسىسلەر. 2018-يىلى 26-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا مەملىكەت ھاكىمىيەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى توپلاشقا تىرىشماقتا. 26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى: ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ئىنكاسلىرى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى ئەنە شۇ مەقسەتتە چاقىرىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى تېد يوخو رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلىنىدىغان مەنزىرىلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇ رايوندا ھازىر يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەتنىڭ پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ يېگانە مىللىي خاسلىقىنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدا «ئۆزگەرتىش» كە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ھازىر بولسا 1949-يىلى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان بۇ رايوننىڭ «زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش» دېگەن نام ئاستىدا پۈتۈنلەي يېڭىچە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

رەئىس تېد يوخو شۇنىڭغا ئۇلاپلا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ ھازىر «قاتتىق زەربە بېرىش» ياكى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقاچان مۇشۇ ھەرىكەتلەردىكى ئۆلچەملەر بويىچە ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ مىللىي تەركىبى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ئاساسەن ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھازىر بۇ خىل زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ھەرقاچان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزىرىدە خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى» دېگەن يېقىملىق ئىبارىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىرسىي ئالاھىدىلىككە قەدەر ئۆزگىچىلىكلىرىنى يوقىتىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي دىنسىز بولغان خىتايلاردىن پەرقلىق بولۇشىغا ھېچقانداق مۇمكىنچىلىك بەرمەيۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا قاراپ تۇرۇۋاتسا مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتەك رەزىل پىلاننى ھېيىقماستىن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا ھەرقانداق زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقلار ياكى «ئىرقىي تازىلاش» لارنى توسۇپ قېلىشتا مەغلۇبىيەتنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، گىتلېر زامانىسىدىن كېيىن قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدىلەر بېرىلگەن قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئارىدىن يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن براد شېرمان سۆز ئېلىپ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ پۈتكۈل رايوننى ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق ھەق ۋە ھوقۇق بولماسلىقتەك پەۋقۇلئاددە رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مۇشۇنداق لاگېرلارغا مەھكۇم قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە لاگېرلارغا سولانغان ياكى سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر مۇشۇنداق قاباھەتلىك لاگېرلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ «قەلبىنى ئۇتماقچى» بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن لاگېر سىرتىدا كومپارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگىچە قول ئۇزىتىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشتەك پىداكارلىقىغا قارىغاندا ئىسلام ئەللىرىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيە، پاكىستان ياكى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغىلا قىلغاندەك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلۇق بىر ئىش، دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەت گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرگە كەلگەندە گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى چىقارغان تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇشلار ۋە ئېلانلاردىن كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقىنى، غايەت زور ساندىكى ساقچىلار ۋە نازارەت مېخانىزمىمىزنىڭ بەرپا قىلىنىشى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان لاگېر سۈرەتلىرىنىڭمۇ بۇنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، چېن چۇەنگو پارتىيە سېكرېتارى بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارى مىسلى كۆرۈلمىگەن ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىشقا يۈزلەنگەن، نۆۋەتتە لاگېرلاردا ئىجرا بولۇۋاتقان ئىدىيەۋى جەھەتتىكى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش قىلمىشلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىنسان چىدىغۇسىز ناچار شارائىت تۈپەيلىدىن ھازىر لاگېرلاردا ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. دوكتور ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئومۇمى سەۋىيەسى خىتايدا ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» ئورۇنلىرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن. بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى «ئەسەبىيلىك» ياكى «تېررورلۇق» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىشى ئىكەن. ئۇ ئاخىرىدا خىتايغا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەتكە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا ئاكتىپ ھەسسە قوشۇۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالاش ھەمدە مۇشۇ خىلدىكى سىمۋوللۇق ۋاسىتە ئارقىلىق دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا بولغان دىققىتىنى قوزغاش دېگەنلەرنى تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بوھراننىڭ دۇنيانىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە مەنسۇپ بارلىق ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دەپ ئىزاھلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا «تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» قىياپىتىگە كىرىۋېلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە «بىخەتەرلىك» نىقابى ئاستىدا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋە گۆدەكلىرىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشىنىڭ دۇنيانى ئويغىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى ھەمدە «ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ پەيتى كەلدى» دېدى. ئۇ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش، ئۇيغۇرلار دىيارىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى جاكارلاش ھەمدە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى مۇشۇنداق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس جاستىن جېيكوبس سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن 2001-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت جەھەتتە قانداقتۇر ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆتكەن 15 يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئىزچىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن ئوبيېكتى بولۇشنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۆتكەن ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ ھالنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن كېيىن كۆرۈلگەن بىرنەچچە قېتىملىق زورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» نى بىر يولىلا ۋە ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئىككى يىلدا زۇلۇم خاراكتېرىدىكى نازارەت، خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ ھازىر «مۇئەسسەلىشىش» ۋە «نورماللىشىش» قا يۈز تۇتقانلىقىنى بايان قىلدى.

گۇۋاھلىق بېرىش جەريانىدا يەنە پالاتا ئەزالىرىدىن باربارا كومستوك، دانا رورابېيكېر، ستېۋ چابوت قاتارلىقلارمۇ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ لاگېرلاردىكى زۇلۇم ۋە دىنىي ھەقلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر يەنە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانى بەرپا قىلىش، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم دىپلوماتلار، ئوقۇغۇچىلار ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، جۈملىدىن تېببىي پەنلەر ئالىمى رىشات ئابباس، ئىلشات ھەسەن، ئۆمەر قانات قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.