ھازىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 27-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە ئۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئەمدى كۆرۈنۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
15-چېسلادىن 22-چېسلاغىچە جەنۋەدەكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 27-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەئىسى ناۋاڭ ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ ئىش پىلانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پېتېر ئىنۋىن ئەپەندىلەر يىغىن جەريانىدا ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ھۆججەت ۋە ئىسپاتلار بىلەن كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن بۇ قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى ناھەق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ئىنسان ھوقۇقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغانغا ئوخشاش كونكرېت نەتىجىلەر كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلانغان ۋە بەزى قارارلارمۇ ئىچكى جەھەتتىن ماقۇللانغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 17-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇلى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھازىر تايلاندتا لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ۋە قىچىشقاق بېسىپ كەتكەن بالىلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسەتكەن. ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن جەريانىدا 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ب د ت ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتىغا سۇنغان «ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە پولشانىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى ئىلتىماس قىلغان.