خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلار ئاتالمىش «تېررورلۇقنى پاش قىلىش توختامنامىسى» تۈزۈشكە مەجبۇرلانغان.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى دائىرىلەرنى ئامالسىز ھالەتتە قالدۇرغان. ھەرقايسى مەكتەپ، ئىدارە-جەمئىيەت، ھەتتا يېزا، كەنت، مەھەللىلەردىمۇ تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا ھەر خىل تەشۋىقات، تەلىم-تەربىيە، كۆز قاراش-مەيدانىنى ئىپادىلەش ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى تۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر كۆپەيگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» نامىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسەت ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلىرى سەۋەبىدىن، يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ھەر خىل ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىزدىمەكتە.
13-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى، شىنخۇا تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئاتالمىش«تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى ئاقسۇدا ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا «سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلايلى» سەرلەۋھىلىك سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا تورى خەۋىرىدە 10-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئاقسۇدىكى دوختۇرخانىلاردا «تېررورلۇققا قارشى سەپەرۋەرلىك يىغىنى» ئېچىلىپ، يىغىندىن كېيىن دوختۇرلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھۆددىگەرلىك توختامنامىسىگە ئىمزا قويغان» لىقى خەۋەر قىلىندى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم ئاقسۇدا ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىرادىسىنى ئىپادىلەش توختامنامىسىگە مەجبۇرلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.
زۇبەيرە خانىم دائىرىلەرنىڭ دوختۇرلارغىمۇ بۇ خىل تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلىنىشىنىڭ «ئاق كىيىملىك پەرىشتە» نامى بېرىلگەن ئادەم قۇتقۇزۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىنغان دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا تۈپتىن خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا نورمال داۋالىنىش، داۋالاش ئەركىنلىكىگىمۇ ئېرىشەلمەي ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېزىلىش ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىم دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ،زېمىنىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە «دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى» نامىدا قاتمۇ-قات، دەرىجىمۇ-دەرىجە مەسئۇلىيەت توختامنامىسى تۈزۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.
زۇبەيرە خانىم بۇ قىلمىشلار ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما دائىرىلەر ھازىر ئاتالمىش تېررورچىلارغا زەربە بېرىش، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ خىل مېڭە يۇيۇش، كىشىلەرنى روھى جەھەتتىن كونترول قىلىپ، ئۇلارنى ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، بۇ خىل قاتمۇ-قات ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، رايون ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ جىددىيلەشكەن، قاتمال ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ئەسلىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ھازىر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئەڭ كەسكىن ھالەتكە يەتتى دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ھازىر دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇرلىماقتا» دېدى.
زۇبەيرە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز سوتلاش، ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىش ھەتتا ئاتالمىش «نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش، بىر مىنۇتتا ئوق چىقىرىش» دېگەندەك سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىشىغا قارىتا، خەلقئارا مۇستەقىل ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.