د ئۇ ق 6-ئاۋغۇست كەچتە 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ھەققىدە ۋە رابىيە خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش توغرىسىدا ئالغان 2 قارارىنى تەڭ ئېلان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 21-، 23-كۈنلىرى گوللاندىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان ئالىي كېڭەش يىغىنى ھەمدە 8-ئاينىڭ 25-، 27-كۈنلىرى گېرمانىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى رابىيە خانىم ۋە قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.
8-ئاينىڭ 5-كۈنى د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان 30 نەپەر ۋەكىل، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي (6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى)نى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىش ھەققىدىكى قارارىنى ھەمدە قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ رابىيە خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش قارارىنى دېموكراتىك شەكىلدە ئاۋازغا قويدى ۋە 30 نەپەر ۋەكىلنىڭ 21 نەپىرىنىڭ قوللىشى، 9 نەپىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ھەر ئىككى قارار تەستىقتىن ئۆتتى.
6-ئاۋغۇست د ئۇ ق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان «د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش ھەققىدىكى قارارى» دا: «مەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 11-ئاينىڭ 10-، 12-كۈنلىرى 6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىپ، بارلىق ئىچكى ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن كۈچنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مەيدانغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمنى بۇ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاشقا چاقىرىمەن» دېيىلگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشتىكى زۆرۈرىيەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاي ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش قارارى» دا بولسا: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، قۇرۇلتاينى يىلمۇ-يىل جىددىيلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش، يەنى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ جانلىق بولۇش، جىددىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا مەيلى ئىدىيە، مەيلى ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن، ھازىر جاۋاب ھالەتتە تۇرۇش، تەشكىلات ئىچىدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇرۇلتايدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىد ۋە تەلەپلەرگە تولۇق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئالىي رەھبەر ۋە رەئىسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى توغرا تاپتى» دېيىلگەن ھەمدە رابىيە خانىمنى مەزكۇر كېڭەيتىلگەن يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبىرى قىلىپ سايلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجېكتىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئالىي رەھبەر ۋە رەئىسلىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دەۋانىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر ئىككى قارارنىڭ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىچكى كرىزىسلار دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن بۇرمىلىنىشقا ئۇچرىغان بولسىمۇ، د ئۇ ق ئاخىرىدا مىللىي بىرلىك ئۈچۈن ئىجابىي قەدەم باسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، بۇ قېتىم ئېچىلىدىغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاي ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش قارارى» غا ئاساسلانغاندا، رابىيە خانىم ئەمدى قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئالمىشىدىغان بولۇپ، قۇرۇلتاي رەئىسى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا سايلام ئارقىلىق بەلگىلىنىدىكەن ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ ئالىي رەھبەرلىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىكەن.
0:00 / 0:00