د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىدە لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.09.18
dolqun-eysa-bdt-39-nowetlik-yighin.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا. 2018-يىلى 17-سېنتەبىر، جەنۋە.
RFA/Ekrem

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنماقتا.

18-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمىدە ئاۋسترىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەتكە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت، قۇرۇلتاي مالىيە خادىمى ئۈمىد تۇرسۇن ۋە قۇرۇلتاي پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن قاتارلىق 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت 17-سېنتەبىر شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنى 10-سېنتەبىر باشلانغان بولۇپ، 28-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرى بولسا 17-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە بولغان بىر ھەپتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە 17-سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ دىنىي ئېتىقاد ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

17-سېنتەبىر قۇرۇلتاي پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندىمۇ ب د ت دا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خادىملىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە ب د ت دا جامائەت پىكىرى ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ۋە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى مۇمكىن قەدەر كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈپ، ب د ت دا بۇ مەسىلىنى جىددىي تېما ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالدى.

17-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق ۋەكىللىرى يەنە ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا برۇنى دۆلىتىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ب د ت نىڭ برۇنى دۆلىتىگە جازا تەدبىرى قوللىنىش چاقىرىقلىرىغا گۇۋاھچى بولدى. بۇ يىغىندا كۆپلىگەن دۆلەتلەر برۇنىغا جازا تەدبىرى قوللىنىش تەكلىپلىرىنى بەردى. چۈنكى، برۇنى پادىشاھلىقى كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان، بۇ دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ھەمدە بۇ پادىشاھلىق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، يىغىندا غەرب دۆلەتلىرى ئەلچىلىرىنىڭ برۇنىغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش تەلەپلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرى سۆزلىرىدە، ب د ت دا خىتايغا قارشى مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەت ۋە سىياسىي كىلىمات يارىتىشقا تىرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

قۇرۇلتاي فوندى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ 17-سېنتەبىر ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ بىر كۈننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق ھەم مەنىلىك بىر كۈن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى 17-سېنتەبىر يەنە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا جامائىتى خىتايدىكى تىبەتلىكلەرنى تىلغا ئالسۇن» ناملىق يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا تىبەت مەسىلىسىدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىندى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا، ئۆزلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاتىۋالغان ئىككى نەپەر خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھەقسىزلىكلەرگە چاپان يېپىپ قىلغان سۆزلىرىگە دەرھال رەددىيە بېرىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي زۇلۇمىنى مىساللىرى بىلەن پاش قىلدى ھەمدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇلار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە ب د ت دا چاقىرىلغان تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.