دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 23-سېنتەبىردىن باشلاپ نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 13-سېنتەبىر باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرىنى 21-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 22-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە نورۋېگىيەدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 23-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئوسلودىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، قۇرۇلتاي خىزمەتلىرىدىن دوكلات تەقدىم قىلغان ھەمدە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا بىزنى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ كۈنى يەنە فىنلاندىيەدىن «ئەركىنلىك كارۋىنى» نى ھەيدەپ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كەلگەن خالمۇرات قاتارلىق ياشلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۇ نورۋېگىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش مەيدانىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىلھام بەرگەن شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ۋەتەن-مىللەتنىڭ خىزمىتىگە ھەسسە قوشۇشى زۆرۈرلۈكى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان د ئۇ ق نىڭ تەپتىشى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوسلودىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن 23-سېنتەبىر كۈنىنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە مۇھىم ئۇچرىشىشلارغا ھەم ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە داخىل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00