د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، باش شتابى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق نىڭ مەسئۇللىرى يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى گېرمانىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل خانىم 5-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گېرمانىيە-خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. ئەسقەرجان ئەپەندى د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن ئامېرىكىنىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى ۋىليام ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇ ئۇيۇشتۇرغان سورۇنغا داخىل بولۇپ، ئامېرىكا كونسۇلى ۋە گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەرگەن. ئۇ يەنە 4-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىنىڭ باشلىقى يوزىف شىمىد ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى قايتا چۈشەندۈرگەن.
د ئۇ ق نىڭ يېقىندىن بۇيان گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاۋاتقان ئورگانلاردىن بېرى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، «ئۇيغۇرلارنىڭ سەپدىشى» دەپ نام ئالغان ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىمۇ قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بېرلىن ۋە ميۇنخېندىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ھەمكارلاشقان. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «بىزنىڭ بېرلىندا ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز؛ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارا تەنقىدلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقى يېتىپ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئىدى. بىز بۇ مەقسەت يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسەتتۇق» دېدى.
ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى 5-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ چوڭ نامايىشىغا ئالايىتەن گۆتىنگەن شەھىرىدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. ئۇ تاكى نامايىش ئاخىرلاشقۇچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ يۈرۈشكە قاتناشتى ۋە نامايىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ بىزنىڭ «سىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشىغا قاتنىشىۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بۈگۈنكى كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇندىن 5 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى ۋە نۇرغۇنلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتتى. غايىب بولغانلارنىڭ ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بۈگۈنگە قەدەر ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى توغرىلىق ھېچ مەلۇمات يوق. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن گېرمانىيىدە تونۇتۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار ھەمدە بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىمدىن بىرى.»
د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە د ئۇ ق پائالىيەتلىرى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.