رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى گوللاندىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
2014.06.10

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىقلار گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىگە جەم بولۇپ، گوللاندىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشلاردا نۇقتىلىق ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قېيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت، رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
د ئۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق نىڭ بىر گۇرۇپپا رەھبىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇچرىشىش ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەن.
رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان پۇتبولچىلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشكە كۈچ چىقارغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە د ئۇ ق نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.