رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيەدىكى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە پارلامېنتتىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىتوكھولمغا يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇلى ئابدۇشۈكۈر سامساق ھەمراھلىقىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن باشلىق ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

بۇ ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيەدىكى « ئەرەب خەۋەر مەركىزى »نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بىرلىكتە، ھەمكارلىق ئاساسىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىتوكھولمغا قاراشلىق ۋەنلىنيى ئاممىۋى پائالىيەت زالىدا رابىيە قادىر خانىمنى قارشى ئېلىش ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە جامائەتكە مەلۇمات بەردى. پائالىيەت داۋامىدا رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ ئىشخانا ئېلىشى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، ئۇيغۇر جامائىتى بىردەك بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىشتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا كۆپچىلىك نورۇزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن سېلىنغان مول نورۇزلۇق داستىخانغا داخىل بولدى، ئۇيغۇر جامائىتى بىردەك رابىيە قادىر خانىمغا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى.

رابىيە قادىر خانىم پائالىيەت ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنى خۇلاسىلىدى.