د ئۇ ق ھەيئىتى ب د ت دە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ب د ت بىناسىدا فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. خىتاي ۋەكىللەر ئۇيغۇرلارنى ب د ت بىناسىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نىيىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە مايىك ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ 19-سېنتەبىر كۈنىدىكى پائالىيىتى ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ۋەكىلىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىپ،ئۇلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. بۇ ۋەكىللەر كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن تەكشۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ب د ت بىناسىدا د ئۇ ق ھەيئىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن.