كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئېشىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە زور ساندىكى كىشىنى لاگېرلارغا قامىشى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پوزىتسىيەسىدە مەلۇم ئۆزگىرىش ياسىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. مالايسىيا ئەنە شۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يېقىندا «قانۇنسىز چېگرادىن كىرىش» جىنايىتى بىلەن مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن مالايسىيا دۆلىتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەۋاتقان يېگانە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
14-يانۋار كۈنى، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەخسۇس سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى مالايسىيانىڭ ئۇيغۇرلار نەزىرىدىكى ئىجابىي تەسىرىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. د ئۇ ق نىڭ تولۇق ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ۋە د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
بىزگە بۇ زىيارەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ 2-كۈنى ناھايىتى زىچ ئۆتكەن بولۇپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىنلا ئۇچرىشىشلار باشلىنىپ كەتكەن. ئۇلار ئالدى بىلەن مالايسىيادىكى ھەرقايسى ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئارقىدىن 2 نەپەر مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن مالايسىيا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش گۇرۇپپىسى» قۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئۇلار يەنە مالايسىيادىكى چوڭ پارتىيەلەردىن بولغان مالايسىيا ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ياش ۋەكىللىرى بىلەن ھەم شۇنداقلا تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىمۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېسابلانغانلىرىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشى ئىكەن. مالايسىيا ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزغىنلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ھاياجانغا چۆمدۈرگەن.
مالايسىيا ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە دېموكراتىيەسى خېلى تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى زور دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىمدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى 14-يانۋار كۈنى مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مالايسىيا دىنى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتۇك مەرزۇقى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغاندا: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا بىز ئۆز قارىشىمىزنى ۋە مەيدانىمىزنى ئىپادىلەۋاتىمىز. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز،» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00