دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شىۋېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرىشىت تۇردى فىرانسىيەدىكى پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە يىتىپ كەلدى.

ئابدۇرىشىت تۇردى شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ھەمراھلىقىدا، سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى، ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى مەسىلىسى، قازاقىستاندىن پاناھلىق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيەگە يەرلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇرىشىت تۇردى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»نىڭ تەكلىپى بىلەن باياناتچى دىلشات رىشىت ۋە «ئۇيغۇر كومىتېت» نىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئابدۇمىجىتلارنىڭ ھەمراھلىقىدا «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» دىكى نىجات تۇرغۇن باشلىق ئىدارە ھەيئەتلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

سۆھبەتتە ئالدى بىلەن ئابدۇرىشىت تۇردى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئاندىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن شىۋېتسىيەدە قىلىنغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئابدۇرشىت تۇردى «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»دىكى ھەيئەتلەر بىلەن بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئابدۇرىشىت تۇردىنى زىيارەت قىلدۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.