د ئۇ ق باشقۇرۇش ھەيئىتى 2015-يىلىنىڭ 6 ئايلىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.12.01
rabiye-xanim-bilen-sohbet.jpg د ئۇ ق باشقۇرۇش ھەيئىتى 2015-يىلىنىڭ 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى يىغىنىدىن كېيىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدى. 2014-يىلى 27-نويابىر، ميۇنخېن.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27-نويابىر كۈنى جەنۋەدە، 29-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنى چاقىرىلىپ 2015-يىلى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.

رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۈمىد خەمىت ئەپەندى، ئەسقەر جان ئەپەندى، ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، باياناتچى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، دىلشات رېشىت ئەپەندى، تەشۋىقات ۋە نەشرىيات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مەمەت ئەپەندى ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇيغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندىلەر قاتناشتى.

ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە ئاخىرىدا تۈزۈپ چىقىلغان پىلاندا 2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا پارلامېنتىدا « شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى » ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقى، 3-ئايدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىققانلىقىنىڭ 10- يىللىقىنى خاتىرىلەپ چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، 2-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا، 5-ئايلاردا ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلەرنى تەربىيىلەش كۇرسى ۋە 6-ئايلاردا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىمۇ نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر دىيارى ئىچى ۋە سىرتىدا ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم مۇزاكىرەلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.