توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

14-نويابىر توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر ئىلىدا بارلىققا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئىككى يېرىمغا قەدەر بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشقا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ نوپۇزلۇق پروفېسسورلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا نارازىلىق باياناتى سېلىندى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاڭلار.