د ئۇ ق رەئىسى نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە قەلەمكەشلىرىگە «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە قەلەمكەشلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

23-سېنتەبىر نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-سېنتەبىر نورۋېگىيەدىكى قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ھەمدە نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

24-سېنتەبىر د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل 11-ئايدا ب د ت دا چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى تېمىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئوسلودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى نورۋېگىيە شۆبىسى» نىڭ خادىملىرى ھەمدە «قامالغان يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ۋە كېلەر يىلى بىرلىكتە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىلمىي يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.


د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ، بۇ سۆھبەتلەرگە قاتناشقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى 24-سېنتەبىردىكى ئۇچرىشىشلار ھەققىدە بىزنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. د ئۇ ق نىڭ نورۋېگىيەدىكى تەپتىشى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىمۇ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە پارلامېنتىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە زىيارىتىگە ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» گە ۋە 11-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا سەپەرۋەر قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ نەتىجىلىك ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.