ئۇيغۇر ۋەكىللىرى «رافتو ئەركىنلىك فوندى» نىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر نورۋېگىيەدىكى «رافتو ئەركىنلىك فوندى» نى زىيارەت قىلدى.

23-سېنتەبىردىن باشلاپ نورۋېگىيەدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بۈگۈن، يەنى 26-سېنتەبىر كۈنى بېرگىن شەھىرىدە «رافتو ئەركىنلىك فوندى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇيغۇر ۋەكىللەر «رافتو ئەركىنلىك فوندى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن تېرېزە جېبسېن خانىم، جوستايىن كوببېلتۋېت ئەپەندى، ئىنگرىد برايتاينسلېن خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئۇزۇن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىلىق سۆزلەشكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سۆھبەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «رافتو ئەركىنلىك فوندى» خادىملىرىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرى ھازىرلاش ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا قارشى قوزغاش ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان. كۆرۈشۈشتە ئۇلار يەنە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا «رافتو ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «رافتو ئەركىنلىك فوندى» بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق بىر دوستانە ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى، «رافتو ئەركىنلىك فوندى» خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدىن كېلىپ د ئۇ ق رەئىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ «رافتو ئەركىنلىك فوندى» خادىملىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىلىق، بولۇپمۇ ھازىرقى جىددىي تېما بولۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىلىق مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ خىزمەت مەركىزىدە ئەتراپلىق سۆھبەتلەر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئەپەندىمۇ د ئۇ ق رەئىسى بىلەن بىرگە بۇ سۆھبەتلەرگە داخىل بولغان بولۇپ، ئۇ د ئۇ ق رەئىسىنىڭ 23-سېنتەبىردىن بۇيان نورۋېگىيەدە كۆپلىگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى 30-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە نورۋېگىيەدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.