شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جەم بولۇشى بىلەن، ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى يەنىمۇ جانلاندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى 11-نويابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىدا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارغۇسى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.
رابىيە قادىر خانىم ساھىبخانىلىقىدا ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئەسقەرجان ئەپەندى ۋە ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.