15-ئاۋغۇست دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، 6 چوڭ پائالىيەت ئۈچۈن قارار قوبۇل قىلدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى 15-ئاۋغۇست جىددىي تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل سېنتەبىر، ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە 6 تۈرلۈك مۇھىم قارار قوبۇل قىلدى.
قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنى جەنۋەدە باشلىنىدىغان بولۇپ، ب د ت غا ئەزا 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى، يۈزلەرچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. بۇ ب د ت دا 8-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلانغان «96-نۆۋەتلىك ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش» يىغىنىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدا 15-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون يىغىنىدا 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنى ب د ت دا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنى باشلانغان كۈنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. نامايىش بۇ يىل 27-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» قا ئوخشاش كۆلىمى زور نامايىش بولىدىكەن. نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى دەرھال باشلايدىكەن.
د ئۇ ق قوبۇل قىلغان 2-قارار بولسا بۇ يىل 11-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «2-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى» نى چاقىرىش بولغان. بۇ يىغىنغا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 30 غا يېقىن ئازاسى قاتناشقاندىن سىرت، مۇھاجىرەتتە مىللىي مۇجادىلە ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىسلىرى ياكى ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. يىغىندا مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلان-پروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ بۇ قارارلارنى قوبۇل قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق بۇ يىغىندا قوبۇل قىلغان 3-چوڭ قارار 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ميۇنخېن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان. يىغىنغا قۇرۇلتاي خادىملىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن سىرت، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋاغا تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى، زىيالىيلىرى، ئۆلىمالىرى، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى شۇنداقلا قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن. يىغىن 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
4-قارار ياشلارغا ئائىت بولۇپ، «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىمۇ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ميۇنخېن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا پاراللېل ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىنغا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن ۋە ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.
د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا يىغىن مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ياشلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن نورۋېگىيەدىكى قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىڭ 5- ۋە 6-قارارلىرى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنى بىرلىكتە خاتىرىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» مۇراسىمىنى بۇ پائالىيەت بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش بولغان. يۈزلەرچە كىشى قاتنىشىدىغان، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇپ «ئۇيغۇر ھەپتىسى» دەپ نام بېرىلگەن.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ قارارلار توغرىسىدا توختالغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بۇ 6 پائالىيەتنىڭ چاقىرىقلىرى، مۇراجىئەتلىرى، تەكلىپلىرى قۇرۇلتاي تور سەھىپىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تۈردە ئېلان قىلىنىدىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن جەنۋەدە باشلىنىدىغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنىغا قارىتا د ئۇ ق نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ جىددىي قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
0:00 / 0:00