د ئۇ ق ئالىي رەھبەرلىرى شىۋېتسىيەدە چاقىرىلغان يىغىندا يېرىم يىللىق پائالىيەت پىلانىنى بېكىتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.06.19
duq-shiwetsiye-yighin.jpg رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ئالىي رەھبەرلىرى شىۋېتسىيەدە چاقىرىلغان يىغىندا يېرىم يىللىق پائالىيەت پىلانىنى بېكىتتى. 2013-يىلى ئىيۇن، شىۋېتسىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى يىغىن چاقىرىپ بۇ يىل 7-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە بولغان خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ پائالىيەت پىلانىنى بېكىتتى.

6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بۇ پائالىيەت جەريانىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ خىزمەت پىلانىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ستوكھولمدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، دولقۇن ئەيسا، قەھرىمان غوجامبەردى، دىلشات رىشىت، ئەسقەر جان، تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن، ئەسقەر جان ۋە نۇرمەمەت روزاخۇن قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلدى. ئارقىدىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن يىغىننىڭ كۈنتەرتىپنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە ئېلىپ بېرىلىدىغان كونكرېت پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ يىغىندا ماقۇللانغان 7-ئايدىن 2014-يىلى 3-ئايغىچە ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدىكى پىلان ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.