0:00 / 0:00
بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكىغا خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئالاقىدار سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ بىر قىسىمىنى تاماملىغان بولۇپ، 25-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بىلەن بىرلىكتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇلاردىن مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى سوراپ سۆھبىتىمىزنى باشلىدۇق. ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلىغايسىلەر.