د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياپونىيە ئاخبارات كۇلۇبىدا مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

20-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات قاناللىرى قاتناشتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن ياپونىيە چەتئەللىكلەر ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان.

بۈگۈن سەھەر ياپونىيە پايتەختى توكيودىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 14-نويابىر باشلانغان ئامېرىكىدىكى 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ياپونىيە چەتئەللىكلەر ئاخبارات كۇلۇبىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 19-نويابىر توكيوغا يېتىپ كەلگەن.

20-نويابىر توكيودىكى چەتئەللىكلەر ئاخبارات كۇلۇبىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. د ئۇ ق نىڭ تىنچ ئوكيان ۋە فازىۋېك رايونلىرىغا مەسئۇل ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ياپونىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياپونىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تۇنجى قېتىم ئۆزلۈكىدىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق بىر يىغىننى تەشكىللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەتبۇئات يىغىنىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۆۋەتتە خەلقئارادا قىزىق تېما بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى مەتبۇئات يىغىنىغا ياپونىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرلۈك سوئاللارنى سورىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مەتبۇئات يىغىنى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياپونىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش جەھەتتىن كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن. ئۇ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچۇرۇشۇشلار ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ياپونىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزىدىكەن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا كۈنتەرتىپكە كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىدىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىن قالسا ئەڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى بولغان بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.