د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرى زور تەسىر قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.11.23
dolqun-eysa-yaponiye-2018-koklat-1.jpg ياپونىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ياپون خەلقىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 20-نويابىر، توكيو.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيەنىڭ توكيو ۋە ئوساكا قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.

بۈگۈن توكيودىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا 22-نويابىر ياپونىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى بولغان ئوساكاغا بېرىپ، ياپون خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپون خەلقى قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىدىكى دەھشەتلىك پاجىئەلەرگە تاقەت قىلالماي كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشكەن.

بۈگۈن 23-نويابىر ياپونىيەدە 2 چوڭ پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىرى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۇنجى قېتىم توكيودا بىر سورۇنغا جەم بولۇپ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» نى ئاڭلىغان ۋە د ئۇ ق رەئىسىدىن ھەر تۈرلۈك سوئاللارنى سوراشقان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەۋاغا ھەسسە قېتىش ئىرادىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسى سېپىگە قوشۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ شېرىن چۈشىنىڭ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن توكيودا بولۇپ ئۆتكەن 2-چوڭ پائالىيەت، شاھىتلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشى بولغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن لاگېر ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرگەن ئۆمەر بېكئالى ياپون خەلقى ئالدىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، كىشىلەرنى ھاياجانغا سالغان. ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ ياپونىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.