د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتىنى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى «نوبېل ئەركىنلىك سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنى 18-مارت كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر 19-مارت كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرنىڭ بۈگۈن بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار 20-مارتتىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدا 2017-يىلى 19 -ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىشىشلەر ئۆتكۈزگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەنمۇ سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بارىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ سەپەرۋەرلىكى خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارەتلىرى داۋامىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كېلەچەكتە قىلماقچى بولغان بەزى خىزمەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى تۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ھەمدە 27-ئاپرېلدىكى نامايىش مەسىلىسىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى يەنە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن. مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، 23- ۋە 24-مارت كۈنلىرى ئۇ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان بىريۇسسېلدىكى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارەتلىرى داۋامىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باش شتابىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە نۆۋەتتە يولغا قويىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئۇلار بىلەن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى ئايدا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى» ھەمدە 27-ئاپرېلدىكى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشتىن ئىبارەت 4 چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى بىريۇسسېل زىيارىتى مۇشۇ 4 يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق تاماملاشنىمۇ مۇھىم بىر مەقسەت قىلغان ئىكەن. بولۇپمۇ 27-ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 5 مىڭ كىشىلىك زور نامايىشىغا ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئىشى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى بىريۇسسېل زىيارىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىر ئىكەن.