ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 پارتىيە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا ئىمزا قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.09.10
dolqun-eysa-tirimosa-balchelis.jpg د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن تىرىموسا بالچېلىس ئەپەندى بىلەن. 2018-يىلى 5-سېنتەبىر، بىريۇسسېل.
RFA/Ekrem

3-سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 چوڭ پارتىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئىمزا قويۇپ، ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان.

3-سېنتەبىردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدە مۇجادىلە قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 چوڭ پارتىيەنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا قول قويغانلىقىنى ۋە بۇ سوئاللارنى كومىسسىيونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇشخەۋەرنى بۈگۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن دۆلەت خادىملىرى بىلەن بولغان مۇھىم بىر ئۇچرىشىش پىلانىغا بىنائەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاشكارىلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي خادىملىرى بۇ يىل 27-ئاپرېل بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» نىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپلا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرغان. ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەمىنلىگەن 700 گە يېقىن كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىغا ئائىت ئىمزالارنى پارلامېنتقا، ياۋروپا كېڭىشىگە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا تاپشۇرغان. شۇنىڭغا ئۇلاپلا بۇ يىل 5- ۋە 6- ئايلاردا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئارقا- ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە پارلامېنتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا پارلامېنتنىڭ ئۈنۈم بېرەلەيدىغان جىددىي قارارلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان.

بىر ھەپتىدىن بۇيان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 چوڭ پارتىيە بۈگۈن ئىمزا قويغان بۇ سوئاللارنى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنتتىكى بىر بۆلۈن پارلامېنت ئەزالىرى تۈزۈپ چىققان. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ لايىھىگە ئىمزا قويغان پارتىيەلەر «ياۋروپا خەلق پارتىيەسى»، «ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسى»، «ياۋروپا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى»، «ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى» ۋە «ياۋروپا خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ بىريۇسسېلدىكى خىزمەتچى خادىمى رېئىن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدىن خەۋەرسىز ئەمەسلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدىن باشلاپلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ياۋروپادىكى 28 دۆلەتنىڭ، يۈزلىگەن پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى توپلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىدا قويۇق ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت ھەققىدە، يەنى «خىتاي ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ساناۋاتقان» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق باشچىلىقىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاللىقاچان تونۇش مەسىلىگە ئايلىنىپ بولدى.»

رېئىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 5 پارتىيەنىڭ بۇ سوئاللارغا ئىمزا قويغانلىقىنىڭ زور ئىلگىرىلەش سانىلىدىغانلىقىنى، مۇبادا ياۋروپا كېڭىشى بۇ سوئاللارنى تەستىقلىسا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا قارارغا باغلاشقا سۇنسا، بۇنىڭ خىتايغا نىسبەتەن زور بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىش پىرىنسىپى بويىچە، قارار قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى سوئال تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر قەدەم باسقۇچ. ياۋروپا كېڭىشى بۇ سوئاللارغا ئاساسەن خىتايدىن جاۋاب تەلەپ قىلىدۇ ۋە خىتاينى جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ. 5 دۆلەت ئىمزا قويغان بۇ سوئال ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىگە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا بىنائەن ئۇلارنىڭ چوقۇم جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇنىڭدىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ قارارغا باغلىشىغا سۇنۇلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن بىر ئىجابىي نەتىجە ھاسىل بولۇشىنى كۆپ ئۈمىد قىلىمىز.»

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، پات ئارىدا بۇ ھەقتە ئىجابىي بىر جاۋابقا نائىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىريۇسسېلدىكى پائالىيەتلىرىنى جىددىي ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا كېلىشىگە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بولغان بەزى مۇھىم ئىچكى ئۇچرىشىشلار سەۋەب بولغان. ئۇ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بۇ سۆھبەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرغان. چۈشتىن كېيىن ئۇ بېرلىندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە داخىل بولىدىكەن ھەمدە ئەتە يەنە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن، يەنى 10-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە مۇھىم ئۇچرىشىشتا بولغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.