دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا مۇھىم يىغىن چاقىردى

0:00 / 0:00

8-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىم، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە كېلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا بەزى قارارلارنى ماقۇللىغان.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ باش شتابى جايلاشقان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى قۇرۇلتاي ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ، 11-ئايدا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچىدە ئىچكى كرىزىس يۈز بەرگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم ميۇنخېندىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىچكى كرىزىسنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 5-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تېلېفون يىغىنىدا بەزى قارارلار ئېلىنغانلىقىنى، بۇ قارارلار توغرىسىدا تېخىمۇ كونكرېت مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ميۇنخېنغا كەلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرىدىن كېيىن 13-چېسلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىزاھات خاراكتېرلىك بىر ئورتاق بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.