1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن د ئۇ ق نىڭ بەزى رەھبەرلىرى 11-نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولۇپ خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقتى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئىلھام مەخمۇت، ئەسقەر جان، ئۈمىد ئاگاھى، ئۆمەر قانات ۋە مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر قاتناشتى.
يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا بۇ يىل ئاخىرىدىن 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇنىڭدا 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىش، 3-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلغان ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش، بۇلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ سايلاملىرىغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىش ۋە كېلەر يىلى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە قارارلار ماقۇللاندى. شۇنداقلا يەنە د ئۇ ق دا ساقلىنىۋاتقان تەشكىلىي مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.