خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاقىتلىرىدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا كۆپلەپ ئورۇن بەرمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا شەندۇڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېڭىشەر، يوپۇرغا، مەكىت ناھىيىلىرىگە ئورۇنلاشقان شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ سانى 184 كە يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 206 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن. خىتاي نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە قاراتقان ياردەم تۈرلىرىنىڭ قەشقەر خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ئەپەندى بولسا شەندۇڭ ئۆلكىسىنى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ بۇلاڭچى» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
14-ئۆكتەبىر كۈنى مەكىت ناھىيىسىدە ئېچىلغان شەندۇڭ-مەكىت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان نىشانلىق ياردەم ئىستراتېگىيىسى باشلانغاندىن بۇيان، شەندۇڭنىڭ يېڭىسار، يوپۇرغا، مەكىت ۋە يېڭىشەردىن ئىبارەت قەشقەرنىڭ تۆت ناھىيىسىگە يەرلەشكەن شىركەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ سانى 184 يەتكەن بولۇپ، نېفىت-خىمىيە، تۆمۈر ۋە كۆمۈر بايلىقلىرىنى ئېچىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، دورىگەرلىك، ئېلېكتر، پەن-مائارىپ، سەھىيە، قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ساھە ھەم كەسىپلەر بويىچە ھەمكارلىشىش كېلىشىملىرىنى تۈزگەن.
خىتاي 19 ئۆلكە شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىلا، شەندۇڭ خىتاي ئۆلكىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادى ھەرىكىتى ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە زور ئۆلكە ئىدى. «ياشىن» تورىنىڭ 2009-يىلى 3-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە شەندۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن زاۋۇت كارخانىلىرى سانىنىڭ 800 دىن ئاشقانلىقى، بۇ كارخانىلارنىڭ كانچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، ھاراق ئىشلەپچىقىشتىن ئىبارەت كەسىپلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كارخانا شىركەتلىرىنىڭ 45% تىن كۆپرەكى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلىرى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. نېمە سەۋەبتىن شەندۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي ئېچىش پائالىيەتلىرى باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا گەۋدىلىك بولۇپ كەلمەكتە؟ بۇ سوئالغا خىتاي مەتبۇئاتلىرى شەندۇڭنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادىي ئۆلكە بولغانلىقىنى جاۋاب قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر بۇنى 1991-يىلى شەندۇڭ ئۆلكە باشلىقلىقىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، 2009-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە 18 يىل جاھان سۈرگەن ۋاڭ لېچۇئەننىڭ دەل شەندوڭلۇق ئىكەنلىكى بىلەن باغلايدۇ. ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋاڭ لېچۇئەننىڭ شەندۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق بۇلاڭچىلىقلىرىغا ۋاسىتىچى بولغانلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىۋاتقان بۇلاڭچىلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلىگۈچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئەمەلىيەتتە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس ئىستراتېگىيىسىنىڭ باشلىنىش دەۋرىنى بۇندىن 60 يىل ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. بىڭتۇەن تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1963-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى 16 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان 12 مىڭ نەپەر شەندۇڭلۇق ئايالنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ، كۈيتۈننى مەركەز قىلغان بىڭتۇەن ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. مانا ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلادلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە يىلتىز تارتماقتا، 60 يىل بۇرۇن نوپۇسى 200 مىڭغا يەتمەيدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بىڭتۇەنى 3 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىر كەسىپلەشكەن ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىڭتۇەنىگە كىرىشنىڭ، شەندۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس ئىستراتېگىيىسىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ۋاڭ لېچۇئەن دەۋرىدىن تارتىپلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىدە «بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يەنە قولدا سىياسىي مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش» نى تەكىتلەپ كەلمەكتە، ھالبۇكى مەيلى 2000-يىللاردىكى غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ئېلىپ بېرىلغان ۋە ياكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يولغا قويۇلۇۋاتقان 19 ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم ئىستراتېگىيىسى داۋامىدا بولسۇن، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى كۈچەيگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ كۈچەيدى ھەم كۈچەيمەكتە.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دېيىلگەندە،ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەنسۇپ بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى، بۇنى ھازىرغا قادىر داۋام قىلىۋاتقان تۈرلۈك قارشىلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ.