خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى «دۆلەت بايرىمى زىياپىتى» گە بىر نەچچىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.09.29
turkiye-enqere-xitay-uyghur-oqughuchilar-pul-tarqitish.jpg خىتاي ئەنقەرەدە ئويۇشتۇرغان نورۇزدا 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا 1000 دوللاردىن پۇل تارقاتتى
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن بۇ يىللىق «دۆلەت بايرىمى زىياپىتى» گە قاناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سانى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە كېمەيگەن. زىياپەت ئەنقەرەدىكى بىر مېھمانخانىدا 28-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلقى زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر نەچچىگىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب نەدە؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى چېكىدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان زىياپەتكە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مۇخبىر: خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشتىمۇ؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ ئەمەس. مەندىن باشقا يەنە 4-5 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. بۇرۇن كۆپ ئوقۇغۇچى قاتناشقان بۇ قېتىم بەك كۆپ ئەمەس.

مۇخبىر: ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بارمىدى؟

ئوقۇغۇچى: ھەئە، ئىستانبۇلدىن كەلگەن بىر قانچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى. 

مۇخبىر: سىلەر خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە نېمە مەقسەت بىلەن قاتناشتىڭلار؟ ئاتا-ئانىڭىزنى يۇرتىڭىزدا سىياسىي ئۆگىنىشكە چاقىرىۋېتىپتىمۇ؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: بىزنىڭ يۇرتتا ئۇنداق ئىشلار يوق ئىكەن. بىزنى ئەلچىلىكتىن كېلىپ ياردەم قىلىڭلار دەپ چاقىرىپتىكەن باردۇق.

مۇخبىر: خىتاي ئەلچىلىكى سىلەرگە ئوقۇش پۇلى بېرىۋاتامدۇ؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ياق. بىزگە ئوقۇش پۇلى ياكى ھېچقانداق نېمە بەرمەيدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى توپى بار، بىر ئىشلار بولسا بىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلدۇق، دەپ. مۇنداق پائالىيەت بولسا ياردەم قىلىڭلار، دەپ چاقىرىپ كىتابلارنى تارقاتقۇزۇپ قىلىدۇ. بىز بېرىپ قاتنىشىپ كەلدۇق، باشقا گەپلەرمۇ قىلمىدى شۇ.

مۇخبىر: خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتسا، بۇ يەردە سىلەرنى چاقىرىپ مېھمان قىلسا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۇقۇپ باقاي دېگەنتىم.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىدىغان بولغاچقا، بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولغاندىكىن، چاقىرسا بارمىساق ئۇ يەرگە قايتساق، چاقىرساقمۇ كەلمىدى، دەپ بىر نېمە قىلامدۇ، تازا بىلەلمىدۇق. بىز يۇرتىمىزغا قايتىدىغان بولغاچقا تەكلىپ قىلسا قانداقمۇ «بارمايمىز» دېيەلەيمىز دەيسىز.

بىز بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى دەلىللەش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى توپىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچىمۇ، بۇ يىللىق مەزكۇر «زىياپەت» كە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۇرغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولۇپ، ئونغىمۇ يەتمەيدىكەن.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى زىياپىتىگە ئۆتكەن يىللاردىكىگە قارىغاندا ئاز ئۇيغۇرنىڭ بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق زىياپەتلەرگە بېرىشىغا مۇتەخەسسىسلەر قانداق قارايدۇ؟ تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشتە خىتاينىڭ ھازىرقى بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىدىن قالماي قاتنىشىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاز قاتنىشىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ يېقىنقى 1-2 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ 67 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇلاردىن سىرت كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن تۈپەيلى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ يامانلاشقانلىقىنى شۇڭا بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى زىياپىتىگە ئاز ئۇيغۇرنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشىنىڭ بەكلا قېيىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئاستىدا بولغاچقا خىتاي چاقىرغان پائالىيەتكە قاتناشسام ماڭا بىر زىيان كەلمىسە دەپ ئويلاپ قاتناشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى. 

بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەدىرنەدىكى ئەدىرنە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۆمەر جامال ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە بىز ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتمەيۋاتىمىز، دېگەن سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر جامال ئەپەندى خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئۆزىنى تەكلىپ قىلمىغانلىقىنى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چارىسىزلىقتىن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئالدىدا خىتاينى تىللاپ، خىتاي زىياپەتكە چاقىرسا قاتناشماقتا.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ‹سىتوكھولم سېندىرومى› يەنى ‹ئۇرغان خوجايىنى ياخشى كۆرۈش› دېگەن بىر ئۇقۇم بار. خىتاينىڭ زۇلۇمى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، بەزى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ بېسىمىغا كۆنۈپ قالغان گەپ. خىتايدا بېسىم بولسىغۇ مەيلى چەتئەلدىمۇ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش بىر پسىخولوگىيىلىك مەسىلە، ئاڭ سەۋىيىنىڭ تۆۋەنلىكى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى ئاۋازىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىسا بۇلارنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرلار كېلەچەكتە توغرا يولنى تاپىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 1992-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى زىياپىتىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلغان. پەقەت بۇلتۇرقى زىياپەتكىلا ئىستانبۇل، كونيا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسلار بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.

مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئازايغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.