ئەركىن ئەكرەم: ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇرەككەپ ۋە تەس بولغاندەك خىتاي ئۈچۈنمۇ تەس بولماقتا

0:00 / 0:00

2014-يىلى 4-مارت سەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قارادېڭىز يىغىن زالىدا، «خىتاينىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان «مەركىزى مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى» ۋە بۇ كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.

يىغىن قۇرئان كەرىم ئوقۇش بىلەن باشلاندى، يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالدى بىلەن خىتاينىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي «مەركىزى مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى» توغرىسىدا توختالدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر «خىتاي مەركىزى مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى» نى قۇرۇشىنىڭ سەۋەب ۋە مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن سىياسەتنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، بەلكى ئەسكىرى كۈچكە تايىنىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، خىتاينىڭ يەنە خەلقئارا تاشقى سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەشۋىقات ئىشلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقى، بۇنى ئىدارە قىلىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالاھىدە مەخسۇس بىر ئورگانغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت جەھەتتىن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىلىپپىن، ھىندىستان، بىرما قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردىن خەۋپسىزلىك ھېس قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ياخشى ئەمەسلىكى، ئەنە شۇ بىر قاتار سەۋەبلەردىن مەركىزى مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي «مەركىزى مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى»نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىر خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭ رايونلۇق مەسىلىدىن ھالقىپ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقى، خىتاي بىلەن ئامېرىكىغا ئوخشاش چوڭ كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەتتا رايونلۇق مەسىلە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، خىتاينىڭ پۈتكۈل رايونلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغان بىر مەسىلە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە پۈتۈن خىتايلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، خىتاي «مەركىزى مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى»نى قۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى بولۇپ، تىبەت، ئۇيغۇر، ئىچكى موڭغۇلغا ئوخشاش رايونلارنىڭ مەسىلىلىرىدىن خەۋپسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە قارىغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سىلىق ئۇسۇل بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچ قوللىنىپ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سەۋەبىدىن بىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى شۇنىڭدەك يەنە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا، خىتايلارغا شۇنداقلا دۇنيا جامائىتىگە كۆرسىتىۋاتقان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلىرىنى بايان قىلدى.