تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارىنى« ئاتا يۇرتىمىز »دەپ قارىغاچقا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ.
تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىزچىل ھالدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىپ، تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار، 1910-يىلى قۇرۇلغان تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن سائەت تۆتكىچە دوكلات بېرىش يىغىن چاقىرىپ، ياشلارغا ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. بىز مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى سالمان كۈرشات ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنىڭ قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى كۈچەيتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن سەلمان كۈرشات ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە دەپ بىلىمىز. بۇ ھەقتە بېرىلگەن دوكلاتلار بىز ئۈچۈن ھەر دائىم پايدىلىق بولدى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى بۇ يىغىن بىزگە بەك پايدىلىق بولدى. يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىق قىلىمىز.»
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى لىدېرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، تارىخچى، دىنى زات مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار 1954-يىلى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندىن تارتىپ تۈرك سىياسەتچىلەرگە، تۈرك رەھبەرلىرىگە ۋە تۈرك ئاممىسىغا ھەر خىل يوللار بىلەن، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىكەن. ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پەقەت دوكلات بېرىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى يەنە تېلېۋىزىيە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە تور بەتلىرى ئارقىلىقمۇ ئۆز سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئاڭلاتماقتا.
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار بەرگەن دوكلاتلارنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇتۇلىشىغا زور پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە ھازىر بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتلارنىڭ بولۇپمۇ تۈرك ياشلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، چۈنكى ھازىر ياشلارنىڭ تۈركىيەنىڭ كېلەچەكتىكى رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ھازىرقى تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى، ئەمما تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار كۈتكەن سەۋىيىگە يېتەلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنسايىن كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق 15 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە قايتىدىن ھەر خىل پائالىيەتلەر، بولۇپمۇ دوكلات بېرىش يىغىنلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.