ئەركىنلىك سارىيى «دۇنيا ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى 2018-يىللىق دۇنيا ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە جىددىي چېكىنىش بولغانلىقى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنىڭ ھەسسىلەپ ئۆرلىگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان «دۇنيا ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ يىللىق دوكلاتتىمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش «ئەركىن بولمىغان» دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ، سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە 7 دىن ئىبارەت ئەڭ تۆۋەن نومۇرنى ئالغان. ئومۇمىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان 100 نومۇردىن ئاران 14 نومۇرغا ئېرىشكەن.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19‏-قۇرۇلتايدا بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھوقۇقلىرى يەنىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان، ئاخبارات-ئۇچۇر يەنىمۇ قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنغان. يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى قاتتىق كۈچەيگەن. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دىنغا ئىشەنگۈچىلەر بولۇپمۇ بالىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا خىتايدا بېسىم ئومۇميۈزلۈك كۈچەيگەن بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«شىنجاڭدىكى ئەسلىدىلا ناھايىتى زور بولغان ھەربىي كۈچ يەنىمۇ زورايتىلدى. ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش، دىنغا ئىشىنىش ھوقۇقلىرىغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنىڭ كۈچى ۋە دائىرىسى پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا تەسىر كۆرسىتىشتىن ھالقىپ، قازاق قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگىچە يېتىپ باردى».

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۈگۈن دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن بىزگە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت ۋە تەقىبنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى :

«شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ئاللىقاچان ئېغىر ئىدى. ئەمما ئۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم يەنە بىر بالداق ئۆرلىدى دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭدىكى نازارەت ۋە تەقىب سىستېمىلىرى كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي دائىرىلىرىگىچە بۆسۈپ كىردى. مەسىلەن، دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىغىچە تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى تېلېفونىدا باشقىلار بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلدى. جۈملىدىن بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىش ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيلىقىغىچە بۆسۈپ كىردى. نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭدا سىناق قىلىنغان بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ يېقىن زاماندا پۈتۈن خىتايغا كېڭىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە».

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىمۇ تىلغا ئېلىپ، ھازىر قانۇنغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان بۇنداق سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە مىڭلىغان كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساراھ كۇك خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا «قارا تۈرمە» قاتارلىق قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەك كەڭ كۆلەملىك ۋە قاتتىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ: «شىنجاڭدا بېسىمنىڭ ئاللىقاچان ئىنتايىن قاتتىقلىقنى نەزەردە تۇتقاندا بۇنداق ئورۇنلار تەشكىل قىلىدىغان خەتەرمۇ زور بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇش، تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ۋە بۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىم ئارتىپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ تېلىفونلىشالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەملىكەت ئىچىدە بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتكەندىن سىرت، خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلغان. ئۇ، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئاخباراتنى كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ۋە باشقا تەسىرلىرى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى بېسىم ئىشلەتكۈچى دۆلەتلەرنى دىپلوماتىك ۋە ماددىي ياردەملەر بىلەن قوللىغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بولغان بولۇپ، ئەركىنلىك كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دۇنيا دېموكراتىيەسىگە يولباشچىلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇلار، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت قىممەت قاراشنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى قىلىشقا تۇتقان سۇس مۇئامىلىسىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ دىكتاتور رېجىمىنى باشقا دۆلەتلەرگە يېيىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۇنداق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئالمىغاندا بۇنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن پۇقرالىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە پۇقرالىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم باشقا دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭمۇ ئەركىنلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. يەرشارىلىشىشنىڭ ماھىيىتى شۇكى، بىزنىڭ تەقدىرىمىز باشقىلارنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان» دېگەن.