يەنە بىر پۇتبول چولپىنى ئەرپات ئابلەكرەمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم
2019.01.08
غۇلجىدا ئۆسمۈر چېغىدىن تارتىپلا پۇتبول چولپانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، تالانتلىق كەسپىي پۇتبولچى ئەرپات ئابلەكرەمنىڭمۇ ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق دەلىللەندى. ئەرپات، ئېرپان ھېزىمدىن كېيىن پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىككىنچى كەسپىي پۇتبولچى ھېسابلىنىدۇ.
ئەرپات ئابلەكرەم كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېشىل مەيداندىكى ئورنى ۋاراتا، ئۇ، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1994-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان. ئەرپات ئابلەكرەمنىڭ يۇرتى غۇلجا بولۇپ، ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ 2018-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەرپاتنىڭ جازا لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە فەيىسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقاتقان مۇيەسسەر خانىم، بىزگە ئۆزىنىڭ ئەرەپاتنىڭ نەۋرە ھەدىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەرپات ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى:
ئۇيغۇر ياش پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تورلارغا چاپلىغان ئەرپاتقا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرپات 7 يېشىدىن باشلاپلا پۇتبول ئويناشقا باشلىغان، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن غۇلجا شەھەرلىك 16-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئەزا بولغان.
ئۇ، 10 يېشىدا، يەنى 2004-يىلى، غۇلجىدىن تاللىنىپ شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەملىكەتلىك «ئۈمىد لوڭقىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، شۇنىڭدىن باشلاپ، مەكتەپ كوماندىلىرىدا ۋاراتا بولۇپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرغان، ئۇنىڭدىن سىرت، ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسى، غۇلجا چولپان كوماندىسى، غۇلجا شەھەرلىك 1-كوماندا، غۇلجا قارىغاي كوماندىسى، شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپى كۇلۇبى قاتارلىق كەسپىي پۇتبول كوماندىلىرى ۋە كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان.
ئەرپاتنىڭ كوماندا ۋە كۇلۇبلار بىلەن قاتناشقان مۇسابىقىلىرى تۆۋەندىكىچە:
- 2004-يىلى، شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈمىد لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى،
- 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 12-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسى، 2012-يىلى، شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (ئۇ17 گۇرۇپپىسى)،
- 2012-يىلىدىكى «تۇرپان پەتتارئەسلىھەلىك يېزا-ئىگىلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»، 12-قېتىملىق «ئىتتىپاق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى، تۇرپان جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش لوڭقىسى» شۇنىڭدەك 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق 2013-يىللىق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى قاتارلىقلاردۇر.
ئەرپاتنىڭ نەۋرە ھەدىسى، ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇيەسسەر خانىم ئىنىسىنىڭ پەقەت ياخشى بىر پۇتبولچى بولۇش غايىسى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايىتى بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئۇيغۇر داڭدار ۋە تالانتلىق كىشىلىرىنى قارا قويۇق سولاۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇنىمۇ تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقىنى باھانە قىلىپ جازا لاگېرىغا ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مىللىتىدىن ھەر ساھەدە يېتىشىپ چىققان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ كۆپلەپ تۇتۇلغانلىقى ئارقىمۇ ئارقا ئاشكارىلىنىپ، بۇ ئۇچۇرلار خىتاينىڭ رايوندىكى تەقىبلەش سىستېمىسىنىڭ نۇقتىلىق ۋە نىشانلىق ھالدا بارغانسېرى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى يېتەكچى كۈچ ھېسابلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن.
يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سانىنىڭ يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولۇش بىلەن بىرگە، تۇتقۇنغا ئۇچرىغان سەرخىللەر قاتارىدا ھەتتا تەنھەرىكەت چولپانلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. يەنى كۆزگە كۆرۈنگەن پۇتبول چولپىنى، «سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبى» نىڭ نۇقتىلىق ئەزاسى ئېرفان ھېزىمنىڭ بۇلتۇر 2 -ئاينىڭ ئاخىرى كوماندىنىڭ قىشلىق دەم ئېلىش ھەپتىسىدە ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇرتى دۆربىلجىنگە بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.
يېقىنقى يىللاردا كۆزگە تېخىمۇ كۆرۈنۈۋاتقان ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسىنىڭ تالانتلىق ۋاراتاسى ئەرپاتنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئەمما ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپىي پۇتبول تىرېنېرى بولغان جۈرئەت زاھىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىڭبىر مۇشەققەتتە يېتىشىپ چىققان يەنە بىر پۇتبول چولپىنىنىڭ لاگېرغا سەۋەبسىز ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. جۈرئەت زاھىر ئەپەندى: «بۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان پۇلبولچىلىرىمىزنىڭ ئىككىنچىسى، ئەسلى سىياسەتكە چېتىلمايدىغان بىر مۇستەقىل كەسپىي ساھە بولغان تەنھەرىكەت ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان تالانتلىق چولپانلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس پۇتبول ساھەسى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش» دېدى.